يەنە 2 نەپەر تىبەتلىكنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

23 - يانۋار سىچۈەندىكى نارازىلىق نامايىشىدا يارىلانغان 2 نەپەر تىبەتلىكنىڭ 9 - فېۋرال كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تىبەت ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى سىچۈەن تىبەتلەر رايونىدا يۈز بەرگەن ئىككى نەپەر تىبەتلىكنىڭ خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە ھەم تىبەتلەر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

رادىئومىز تىبەت بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ گەنزى ئوبلاستى لۇخۇ ناھىيىسىدىكى 40 ياشلىق تىبەت راھىبى يېسخې رىگسال ۋە ئۇنىڭ 38 ياشلىق ئىنىسى يېسخې سامدرۇب مۆكۈۋالغان تاغ ئارىسىدا خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.

مەركىزى ھىندىستاندىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى خادىمىنىڭ رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، راھىب يېسخې رىگسال 23 - يانۋار كۈنى گەنزى ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشتا ساقچىلارنىڭ ئوقى تېگىپ ئېغىر يارىلانغان. نامايىشتىن كېيىن يېسخې رىگسال ئىنىسى يېسخې سامدرۇب بىلەن بىرلىكتە تاغ ئارىسىغا كىرىپ مۆكۈنگەن. 9 - فېۋرال كۈنى ئۇلار قوللىرىدا ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش قورالى بولمىغان ئەھۋالدا قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان.

ئۇندىن باشقا، 8 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۇلسۇل ناھىيىسىدىكى لاب ئىبادەتخانىسىنىڭ يەنە بىر راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغاندىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى كۆيۈپ يارىلانغان ھالەتتە تۇتۇپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بۇلتۇردىن بۇيان ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان 22 - تىبەت راھىبى ئىكەن.

تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى ھەققىدە بايانات بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى تىبەت ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەر پۈتۈن يەر شارى بويىچە شام يېقىپ دۇئا قىلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، 23 - يانۋار سىچۈەندە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلىكلەر ھەم بۇلتۇردىن بۇيان ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆلۈپ كەتكەن تىبەتلىكلەرنى خاتىرىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە 8 - فېۋرال كېچىسى نيۇيورك شەھىرىنىڭ مانخاتېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شام يېقىپ خاتىرىلەش كېچىلىكىگە تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىىغۇچى ئامېرىكىلىقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان.

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈن سىچۈەننىڭ گەنزى ئوبلاستىدا تىبەتلىكلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى يەنە بۇ يىل 23 - فېۋرال تىبەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ھەم 10 - مارت تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرىنى تىبەتلەر رايونىدا تېخىمۇ كۆپەيتىپ، تىبەتتە يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە دۇنيا جامائىتىدىن نۆۋەتتىكى تىبەت ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، يەنىمۇ كۆپلىگەن تىبەتلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2012 - يىلى 23 - يانۋار سىچۈەندە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، ۋەقەنى چەتئەللەردىكى دالاي لاما تەرەپدارلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قوراللىق ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىپ، رايوندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىماسلىقى، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى تارتماقتا.