نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە كانادادىكى "ئىجتىمائىي ئادالەت" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
ۋانكوۋېردىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا.ھەر ساھەدىن بولغان نەچچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان شەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا ئۇيغۇر ۋەكىلىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم جۈمە كۈنى كەچتە، تورونتودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن،كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى،خىتايدا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
رۇقىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى نامايىشچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ۋانكوۋېردا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى شەنبە كۈنى 3 - كۈنىگە قەدەم قويدى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئۆمەرجان ئەپەندى، ۋانكوۋېردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇردى. شەنبە كۈنىدىكى چوڭ نامايىشتا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۆمەرجان ئەپەندى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىشنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئولىمپىك باھانىسىدا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.