توختى موزات خىتاي تۈرمىسىدىن رەسمىي قويۇپ بېرىلدى

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتور توختى موزارت ئەپەندى، 2 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي تۈرمىسىدىن رەسمىي قويۇپ بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

توختى موزارت ئەپەندىنىڭ ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئايالى رابىيە توختى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە توختى مۇزاتنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا يۇرتى بايغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە توختى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە توختى موزارت ئەركىنلىككە چىققان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاي ساقچىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە توختى خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.