تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ يەر داۋاسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بىئارام قىلماقتا

تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ ئەرزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەر داۋاسى قىلىۋاتقان دېھقانلار بىلەن قايتا كېلىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.02.15
sot-mehkimisi-court-Beijing-305.jpg بېيجىڭدىكى سوت مەھكىمىسى. 2006-يىلى 31 ئاۋغۇست
AFP

ئىگىلىشىمىزچە، تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ يەر داۋاسى 2008-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە باشلانغان. 2008-يىلى يىل بېشىدا غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەم تۇرپانيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتى بىلەن تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ئىستىراھەت باغچىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېلىشىمگە ئاساسەن تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى ئىلى خەلقى تەرىپىدىن «غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاق ئۆرۈك ماكانى» دەپ ئاتالغان 15 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ بېغى ھەم باغ ئەتراپىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي ھالدا بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىش قارا قىلىنغان.

ئەينى چاغدا، تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى ھەم باغ ئىگىلىرى يەرلىرىنى بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، «بۇ، غۇلجا ناھىيىسىدە ئايلانما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، بېغىنى سېتىشقا قارشىلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ باغلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە يېزىدىكى 15 ئائىلىلىك دېھقان باغلىرىنى چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما، بۇلتۇردىن باشلاپ يېرىنى ساتقان دېھقانلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئارىدىن زور پايدا ئالغانلىقىنى بىلگەن. يەرلىرىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەرزان باھادا سېتىپ قويغانلىقىدىن نارازى بولغان بۇ 15 ئائىلىلىك دېھقان ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىگە تۇرپانيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بارغان.

ئەھۋالدىن خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، يېزا باشلىقى پەخىردىننىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى تام يېزىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، يېزىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەنا ئىسىملىك يېزا باشلىقى كەلگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ يەر داۋاسىنى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بىز خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنى 14-فېۋرال كۈنى، تۇرپانيۈزى يېزىسىدا يەر داۋاسى قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقىنىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى ھەم تۇرپانيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىزنى بىر خىزمەتچى خادىم ئالدى.

ئۇ بىزگە ئىدارىدە ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ يەر داۋاسى ھەققىدىكى ئەرزى ھەققىدە كونكرېت ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئىدارىدە چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس بەلگىلەنگەن تاشقى ئىشلار بۆلۈمى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

ئەمما، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە ئۇرغان تېلېفونىمىز بولسا جاۋابسىز قالدى.

بىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ سابىق يېزا باشلىقى پەخىردىن ھەم يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ فامىلىلىك كادىرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئالدۇق. يېزا باشلىقى پەخىردىنگە ئۇرغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما، پارتكوم سېكرېتارى جاڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۆزىنى يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى دەپ تونۇشتۇرغان جاڭ فامىلىلىك بۇ كادىر، بىزگە ئۆزىنىڭ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلار بىلەن يەر داۋاسى ھەققىدىكى سۆھبەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەر داۋاسى ھەققىدىكى ئەرزلىرىگە باشقىچە قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جاڭ فامىلىلىك بۇ كادىر سۆزىدە، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىۋېلىش جەريانىدا، دېھقانلارنىڭ باغلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ تۈرىگە قاراپ ئوخشىمىغان باھا قويۇپ سېتىۋالغانلىقىنى، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى قوزغالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇ سۆزىدە، ھازىر دېھقانلار بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى باغلىرىنىڭ 25 يىللىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى پۈتكۈل دېھقانلارغا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە بولغانلىقىنى قايتا -قايتا تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ يېزا باشلىقى پەخىردىننىڭ باشقا يېزىغا يۆتكىۋېتىلىشىنىڭ دېھقانلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن قىلغان ئەرزى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، يېزا باشلىقى پەخىردىننىڭ باشقا يېزىغا يۆتكىلىشى تامامەن خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، بەلكىم ئۆزىنىڭمۇ بىر ئىككى يىل ئىچىدە يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باشقا جايغا يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكىنى، جۇڭگودا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىنىڭ تامامەن يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دېھقانلار بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى يەر داۋاسى ھازىرچە سۆھبەت شەكلىدە داۋاملىشىۋېتىپتۇ. ئەگەر يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ يەر داۋاسى ھەققىدىكى ئەرزىنى دېھقانلار رازى بولغۇدەك ھەل قىلمىسا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن باغلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇر بولغان دېھقانلار بېيجىڭغىچە بېرىپ ئەرز قىلىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.