ب
بولۇپ، ھازىرغىچە بەس - مۇنازىرە قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. توردا بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھىساۋۇدۇن نىياز ئوغلىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سۇغۇرۇۋېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسىغا ئەرز قىلغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سۇغۇرىۋېلىپ، تاۋار ئورنىدا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2009 - يىللىق دوكلاتىدا، يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى يوقلۇقى بايان قىلىندى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ خىلدىكى ۋەھشىلىكنىڭ خىتايدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ھىساۋۇدۇن نىيازنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسىغا 2010 - يىلى 1 - ئىيۇندا يازغان ئەرزنامىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئوغلى تۇرغۇنجان 2009 - يىلى 27 - ئىيۇل كۈنى سەھەر سائەت 3:00 بىلەن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆز ياتىقىدا قاتتىق ئۇرۇلۇپ، بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىن يەرگە تاشلىۋېتىلگەن. تۇرغۇنجان ھېساۋۇدۇن قەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى ئالتاي يولىدىكى رۈيياڭ مېھمانخانىسىدا ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە شۇ مېھمانخانىدا يېتىپ قوپقان.
ئەينى چاغدا، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى ھىساۋۇدۇن نىيازنىڭ شىكايىتىگە ئېتىبار قىلماي " ئوغلۇڭ بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان" دېيىش بىلەن، بۇ دېلونى باستۇرۇپ تۈگىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. ئەمما، ھىساۋۇدۇن نىياز دوختۇرلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوغلىنىڭ بىنادىن تاشلىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى قاتتىق ئۇرۇلغانلىقى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تاياق ئىزلىرى قاپلىغانلىقى، ئۇنىڭ بەدەن سۆڭەكلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخمە يىگەنلىكى، ئوغلىنىڭ بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالغۇدەك روھىي بىنورماللىققا گىرىپتار بولغان ئىنسان ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرغان.
كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى، ھىساۋۇدۇن نىيازنىڭ ئوغلى تۇرغۇنجان 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۈرۈمچى قاتناش دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەندە، دوختۇرلار تۇرغۇنجاننىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن بۆرەك، تال ۋە جىگەر قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ۋەھشىلىككە چىدىمىغان ھىساۋۇدۇن نىياز ئەرزىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئوغلىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلىغان جاۋابكارلار ئۈستىدىنمۇ ئەرز - شىكايەتتە بولغان.
ھىساۋۇدۇن نىيازنىڭ 2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە يازغان شىكايەتنامىسىدە، 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ جەسەتنى قايتىدىن ئوپېراتسىيە قىلغانلىقى، نەتىجىدە ئوغلىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقى، بۇ ئىشقا ھۆكۈمەتنىڭ قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تۇرغۇنجانغا ئائىت خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىدىكى رەسىمگە كىرىشتۈرۈلگەن بىر ئىزاھاتتا، ئۆلگۈچى تۇرغۇنجان بىلەن ئۇ خىزمەت قىلغان رۈيياڭ مېھمانخانىسىنىڭ خىتاي خوجايىنى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارلىقى، خىتاي خوجايىننىڭ تۇرغۇنجانغا " ھامان بىر كۈنى سېنى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىڭنى سۇغۇرىۋالماي قويمايمەن!" دېگەنلىكى يېزىلغان.
ھىساۋۇدۇن نىيازنىڭ ئەرزنامىسىدىكى بايانلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى تۇرغۇنجان ئاقسۇدا ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. بىر قېتىم قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ زەخىملەنگەن ۋە ئۈرۈمچىدە داۋالانغان. كېيىن ئۈرۈمچى رۈيياڭ مېھمانخانىسىغا قوغداش خادىمى بولۇپ ئىشقا كىرگەن. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشمىغان ۋە ھېچ كىشىگە يامانلىق قىلمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇندا قاتتىق ئۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىنانىڭ 3 - قەۋىتىدىن تاشلىۋېتىلگەن. دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەيلا قالماي، ئىچكى ئەزالىرى ئوغرىلانغان. ھىساۋۇدۇن نىيازنىڭ ئەرزىگە بىرقىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىمزا قويۇپ " بۇ مەسىلە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنسۇن" دېگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىر تەرەپ قىلىنمىغان ۋە بۇ ھەقسىزلىكلەرنىڭ داۋاسى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.