سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۈركىستان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2012.09.06

پائالىيەتكە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالىرى ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى كۇلۇبى» نىڭ تەركىبىدىكى تۈركىستان كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كومىتېتنىڭ مەسئۇلى ئابدۇراھمان ئەبۇ مەنسۇر ۋە باش سېكرېتارى سىراجىدىن ئەزىزىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ئۇستاز رەھمەتۇللا ئانايەتۇللا، ئەمىن ئابدۇلغافۇر، دوكتور ئابدۇللا قۇربان، ئەدنان تۈركىستانى، ئابدۇلھەمىد تاش، سالاھ قانات ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى
پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، تىلاۋەتنى مەككىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن قىلدى، ئاندىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامىدىن سادىق ئىسمائىل سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئۇچراپ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ھەم قىيىنچىلىقلار، شۇنداقلا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە قارا نوپۇس بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىق ئەھۋالى ھەققىدە قىسقا ۋە مەزمۇنلۇق مەلۇمات بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەسىقىلىق فىلىم قويۇپ بېرىلدى. ئاندىن «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى كۇلۇبى» تەركىبىدىكى تۈركىستان كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇراخمان ئەبۇ مەنسۇر سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى كۇلۇبى» مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇللا ئۆمەر نەسىف سۆزگە چىقىپ مۇنۇلارنى سۆزلىدى:
«شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان بىر مەسىلە. شۇنچىلىك مۇھىم بىر مەسىلىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشى راستىنىلا ئېچىنىشلىق ئەھۋال. شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇم دىنىي تەلىمنى چەكلەشتىن ئاۋۋال كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىدۇر. دېمەك، ئۇ يەردە ھەق-ھوقۇقلار دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم.»
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى
ئابدۇراخمان ئەبۇ مەنسۇر مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسىدە قالغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدۇ. بېرمىدا بۇددىستلار تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىنىۋېدى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەرىكەتكە كەلدى، ئۇلارغا ياردەم توپلاش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار 60 يىلدىن بىرى زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ، دىنى ۋە مىللىي ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە يەكلىنىۋاتىدۇ. دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى بىلمەيدۇ. مۇسۇلمانلار پەلەستىننىلا بىلىدۇ. ھالبۇكى، پەلەستىن خەلقى پەلەستىندە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ ياشاپ كەلمەكتە. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆچمەن خىتايلارنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالماقتا. بۇنى ئاز دەپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا 200 مىليون خىتاي يەرلەشتۈرۈش پىلانى يەرلىك مۇسۇلمانلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. شەرقىي تۈركىستان قىزلىرى ھەقىقەتەن گۈزەل قىزلار بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى زورلۇق بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلماقتا. يەنە نۇرغۇن بالىلار تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك قارا نوپۇس بولۇپ تۇغۇلغانلىقتىن، نە ئوقۇش، نە داۋالىنىش تەرەپتىن بەھرىمەن بولالماي تۇرماقتا. چەتئەللەرگە چىقالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى يوقنىڭ ئورنىدا، بىر ئاماللارنى قىلىپ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشقا باشلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلاردىن 150 بالىغا بىزنىڭ كومىتېتىمىز ئوقۇش پۇلى بېرىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇش تەكلىپى ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يېقىندا بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.»
شۇنىڭدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىگىلىك تىكلىگەن مەشھۇر باي مەرھۇم ئابدۇغۇفۇر ھاجىمنىڭ ئوغلى ئەمىن ھاجىم پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان مېھمانلارغا ئۇيغۇر داستىخىنى سېلىپ كەڭ زىياپەت بەردى. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا داستىخان پەقەت ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەنلا تولغان. مەسىلەن: سامسا، چۆچۈرە، پولۇ قاتارلىق تائاملار ئۇيغۇر ئاشپەزلىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان. مېھمانلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر داستىخىنىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە ئەمىن ئابدۇغۇفۇر ھاجىمغا ئالاھىدە كۆپ رەھمەت ئېيتىشتى. شۇ مۇناسىۋەت مېھمانلارغا نەجىب كىلانىنىڭ «تۈركىستان كېچىلىرى»، توختى ئاخۇن ئەركىننىڭ «ئۇنتۇلغان ئىسلام دىيارى شەرقىي تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق ئەسەرلىرى تارقىتىلدى.