تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيمەكتە
2011.08.09

دېموكراتىيىلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغان دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ئىنتايىن زور. چۈنكى ئۇلار دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرماقتا. ھەتتا بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇماقتا.
8-ئاينىڭ 6-كۈنى 450 مىڭ ئەتراپىدا ئەزاسى بار بولغان كامۇ-سەن يانى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى قەيسەرى شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئالىي ئېھسان ئۆزتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سالام يوللاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ شېھىت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئالىي ئېھسان ئۆزتۈرك ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيىنىڭ مىللىي دەۋاسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ داۋانى تۈركىيىنىڭ سېپرۇس مەسىلىسىگە ئوخشاش مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ خىزمەت ئىشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتى تېلېۋىزىيىلەردە خەۋەر قىلىپ تارقىتىلدى.
يەنە تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە ئۈلكۈجۈ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قەيسەرى شۆبىسى تۈركلەرنى خىتاي بۇيۇملىرى سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان بىر بايانات ئېلان قىلغان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى فائىق شاھىن شاھىنتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە چىققان ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە 21 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. بۈگۈن مۇبارەك رامزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا روزى تۇتۇش مەنىي قىلىنغان، ئەركىنلىكلەر چەكلەنگەن. خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۈلكۈجۈ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماي خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز.
تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى راستىنىلا كۈچەيدىمۇ؟ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي مېلى سېتىۋالماسلىق ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىنىڭ بۇ داۋاغا پايدىسى بارمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.