تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزاسى دوختۇر رېشات دوغرۇ ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 يېرىمدا تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-10-07
Share
Reshat-dogru-ependi-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 11 ﻳﯧﺮﯨﻤﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺭﯦﺸﺎﺕ ﺩﻭﻏﺮﯗ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيىگە قاراتقان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا، كۆپ ساندا گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ قاتناشتى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالدۇق.

پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۆز سۆزىنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949 - يىلى بېسىۋالغانلىقى، 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر خىل بېسىملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رېشات دوغرۇ ئەپەندى، 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار قوزغىغان قوزغىلاڭلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: "خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئەتە دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلمەكچى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ۋە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى ئۇنۇتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز."
    
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ۋېن جياباۋ تۇرىدىغان ئەنقەرە خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا، كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.

نامايىشقا مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن ئىستانبۇل، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى تۈركلەر قاتناشماقچى. بىز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت