بۇ يىغىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيىگە قاراتقان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا، كۆپ ساندا گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ قاتناشتى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالدۇق.
پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۆز سۆزىنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949 - يىلى بېسىۋالغانلىقى، 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر خىل بېسىملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رېشات دوغرۇ ئەپەندى، 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار قوزغىغان قوزغىلاڭلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: "خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئەتە دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلمەكچى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ۋە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى ئۇنۇتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز."
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ۋېن جياباۋ تۇرىدىغان ئەنقەرە خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا، كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.
نامايىشقا مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن ئىستانبۇل، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى تۈركلەر قاتناشماقچى. بىز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.