تۈركىيىنىڭ قارارى ۋە ئەسەدنىڭ تۆھمەتلىرى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇدئوغلۇ تۈركىيە جۈمھۇرىيىتىنىڭ سۈرىيىدە تەشكىللەنگەن بىرلەشمە مىللىي كومىتېتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.11.16
suriye-turkiye-toqunushi-305.png تۇركىيە دۆلەت ئەربابلىرى سۈرىيە-تۈركىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا
AFP


بۇ ئەھۋال كۆپلىگەن تەرەپلەرنى ۋە خەلقلەرنى خۇش قىلغان بولسىمۇ، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ ئوغىسىنى قايناتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى ئۇنىڭ ھەدەپ تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغانغا ھۇجۇم قىلىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان:«ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 16 - نويابىر سانىدا «تۈركىيە، سۈرىيە مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

- كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە تۈركىيە، سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىگە كۆپرەك يەر ئايرىلىدىغان بولۇپ قالغان. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت قوشنا دۆلەتلەر بولۇشتىن تاشقىرى، ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆپ سۈركىلىش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردۇر. چۈنكى تۈركيىنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقى ۋە سۈرىيىدىن قېچىپ بارغان ئىنقىلابچىلارغا پاناھلىق بەرگەنلىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى بىئارام قىلغان ئىدى. تەھلىلچىلەر بەششار ئەل ئەسەدنى «ئۇ جان ئاچچىقىدا قىينىلىۋاتقان بىر نىمجان ئادەم. ئۇ ئەتراپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن زىددىيەتلەشكەندىن تاشقىرى، تۈركىيە بىلەنمۇ زىددىيەتلىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىراندىن باشقا دوستى يوق. ئۇ ئىلگىرى تۈركىيىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تېررورچىلارنى قوللىدى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمدى ھۇجۇمىنى تۈركىيە خەلقىگە ئەمەس، پەقەت باش مىنىستىر ئەردۇغانغىلا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلىمەكتە.» ئەسلىدە تۈركىيىنىڭ سۈرىيىدىن جېنىنى قوغداش ئۈچۈن پاناھلىق تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىچارە خەلق ئۈچۈن قۇچىقىنى ئاچقانلىقى، ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلىق قائىدىسى، ئاندىن ئىنسانلىق بۇرچى ئىدى، دەپ قارايدۇ.»

ئەسەدنىڭ تۆھمەتلىرى ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

- سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەد ئاخىرقى باياناتىدا، خۇددى ئۆزىدە ھېچقانداق گۇناھ يوقتەكلا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغاننى قارىلىماقچى بولۇپ، «سۈرىيىدە يۈز بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەردۇغان سەۋەبچى بولدى، تۈركىيە خەلقىدە گۇناھ يوق، ھەممىنى قىلغان ئەردۇغاندۇر؟» دېدى. خۇددى ئەرەب باھارىنى ئەردۇغان باشلاتقاندەك، زالىملارغا خەلقنىڭ قارشى چىقىش ھەققى يوقتەك سۆز قىلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەسەد ئەسلىدە تۈركىيىنى ئۆزىنىڭ ئويۇنىغا كەلتۈرمەكچى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا، مىسىرغا دۈشمەن قىلماقچى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ پىلانى ئاللىبۇرۇن سۇغا چىلاشقان ئىدى. مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى سۈرىيە، تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە جىددىي يېقىنلىق يۈز بەردى، ھەتتا ئىككى دۆلەت خەلقى بىر - بىرىگە ۋىزىسىز كىرىپ چىقىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. سۈرىيىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىرانمۇ تۈركىيىگە يېقىنلاشقان. چۈنكى ئىران بىلەن سۈرىيە ئەزەلدىن بىر بولۇپ، تۈركىيىنى ئۆزلىرىگە تارتىش ئارقىلىق ئۇنى ئەرەبلەرگە دۈشمەن قىلماقچى ۋە ئۆزلىرى ئارىدىن پايدا تاپماقچى ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل پىلانى تۈركلەرنىڭ زېرەكلىكىدىنمۇ ياكى نېمە سەۋەبتىن بولمىسۇن، بەربات بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەد تۈركىيىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئاندىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۆكۈپ بولسىمۇ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.