تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 - نۆۋەتلىك خەلقئارا خازار شېئىر ئوقۇش كەچلىكىگە ئۇيغۇر شائىرلارمۇ قاتناشتى

بۇ يىلقى 20 - نۆۋەتلىك خەلقئارا خازار كۆلى شېئىر ئوقۇش كەچلىكى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىغا جايلاشقان ئەلازىھ ۋىلايىتىنىڭ ئەلازىھ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00


بۇ شېئىر ئوقۇش كەچلىكى 14 - ئەسىردە ئاناتولىيىدە ياشىغان مەشھۇر خەلق شائىرى يۇنۇس ئەمرىگە ئاتالغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن يازغۇچىلار قاتناشتى. ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان نۈرەلا گۆكتۈرك خانىم قاتناشتى. ئۇنىڭ ئۆزى يېزىپ دېكلاماتسىيە قىلغان «ھۆرىيەت ئىستەيمەن» ماۋزۇلۇق شېئىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان خەلقئارالىق بۇ پائالىيەتكە ئەلازىھ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مۇھاممەر ئەرول، ئەسكىشەھىر ۋالىيسى قادىر قوچدەمىر، پارلامېنت ئەزالىرى شۇئاي ئالپاي، سەرمىن بالىق ۋە فارۇق سەپتىئوغلۇ ھەمدە ئەلازىھ شەھەر باشلىقى سۈلايمان سەلمانئوغلۇ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ شېئىر دېكلاماتسىيە كەچلىكىگە تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان ت رت ئاۋازى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

بۇ پائالىيەت جەريانىدا شائىرلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپلا قالماستىن بەلكى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. خازار كۆلى خەلقئارا شېئىر كېچىلىرى 1992 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ پائالىيەتكە داڭلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋ، داڭلىق ئەزەربەيجان شائىرى بەختىيار ۋاخاپزادە، قازاق شائىرى مۇختار شاخانوۋ، تۈركمەن شائىرى ئوراز يامغۇر ئەپەندى ۋە كۆپ ساندا داڭلىق تۈرك شائىرلىرىمۇ قاتناشقان.