تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

1997 - يىلىدا مەيدانغا كەلگەن غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەينى زاماندىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن 36 نومۇرلۇق ھۆججەتنى چىقارغان ئىدى.

0:00 / 0:00

1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چىقىرىلغان بۇ ھۆججەتتە، تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا چاقىرىلغان يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ ئېسىلماسلىقى، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

گەرچە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە تۈركلەر بۇ ھۆججەتكە دېگەندەك رىئايە قىلمىغان بولسىمۇ، خىتايلار بۇ ھۆججەتتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ تۈركىيىگە دىپلوماتىك يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق بەزى پائالىيەتلەرنى توسۇۋالغان ئىدى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ ھۆججەت تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ قانداق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؟

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.