خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىدا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ "تىنچلىق ئۈچۈن يازارلار" ناملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە سىلوۋىنىيىدە چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن قەيسەر ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېمىلار توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.