ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن 2 يىل كېسىلگەن

ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئەرز قىلىش داۋامىدا، ھەرخىل توساق ۋە جازالارغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىكى ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر، ئەرزىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن، 2006 ‏- يىلى قانۇنسىز ئەرز قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ ئىككى يىل كېسىلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇ ئىككى يىللىق جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بېرىلگەن بۇ جازاغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتىغا ئەرز سۇنغان. خىتاي سوتى، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلىكىدەك بىر پاكىتقا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان ۋە ئىككى يىل قاماقتا ياتقىنىنى ھەقلىق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

ئۇيغۇر ئەرزدارلار، ئەرزىنى داۋاملاشتۇرغانسېرى زىياننىڭ ئۈستىگە زىيان تارتماقتا؛ مەسىلىسى ھەل قىلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۈستى - ئۈستىلەپ جازاغا تارتىلماقتا. ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر، مانا بۇ ۋەزىيەتتىن پەقەتلا بىر مىسال. ئۇ قەشقەردىكى بىر پارتلاشتا ئۆلگەن قېرىندىشى ۋە سىرلىق ھالدا ئېلىۋېتىلگەن كۆزى ھەققىدە ھەربىي رايون ئۈستىدىن ئەرز قىلىۋاتقان ئىدى.

تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئەرزى 14‏ - يىلىغا كەلگەندە، نەتىجە سۈپىتىدە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، دەردى بىر قاتلانغان، ئەرزى ئىككىگە كۆپەيگەن. ئۇ 2008 ‏- يىلىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز 2 يىل قامالغانلىقى ئۈستىدىن قەشقەر ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇنغان. ئۇنىڭ بۇ ئەرزىمۇ رەت قىلىنغان. ئەمما رەت قىلىنىش سەۋەبى ئۇنىڭ كانادا ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئۆتكەنلىكىدۇر.

بىز يەرلىك دائىرىلەردىن، ئەرزدارلارنىڭ جازالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق؛ دائىرىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەرزدارلارنىڭ جازالىنىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشسا، يەنە بەزىلىرى ئاشكارا ھالدا ئېتىراپ قىلماقتا ۋە بۇ تۈرلۈك جازالاشلارنىڭ توغرىلىقىنى بايان قىلماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، ئۆتكەن ئايدا مۇخبىرلارنىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، قانۇنلىرىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى، ئىجرائاتلارنىڭمۇ جايىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىكى قانۇنىي ھەق - ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.