ئۇيغۇر پودپولكوۋنىڭ تۇرسۇنتاي راخمانوف ۋاپات بولدى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان ئۇيغۇر پودپولكوۋنىك تۇرسۇنتاي راخمانوف يېقىندا كىسەل سەۋەبىدىن 66 يېشىدا بېشكەكتە ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00


ئۇ قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلەپ قىرغىزىستان دۆلىتىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىغا ۋە ياشلارنى تەربىيىلەش يولىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.

تۆۋەندە بېشكەكتىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.