خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى 5" - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئادەم سانىنىڭ 718 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ سانلىق ستاتىستىكىلىرىدىن 5 ‏ - ئىيۇل كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغان ئادەم سانى خىتاي ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.08.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Urumchi-Namayish-toqunush-070509-2-305 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﮔﯘﺍﯕﺪﻭﯓ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ، ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

خىتاينىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن، ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن 5"‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ تۇتقۇن قىلىنغان ئادەم سانىنىڭ 718 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ۋە نۆۋەتتە ساقچى قىسىملىرىنىڭ دىلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە جىددىي ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چېڭ جۇاڭۋېينىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، چېڭ ۋەقە سادىر بولغاندىن تارتىپ 4 - ئاۋغۇستقا قەدەر ۋەقەدە يارىلانغان ئادەم سانى، ئۆلگۈچىلەر ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ سانى، زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەر سانى شۇنىڭدەك بۇزۇلغان ئاپتوموبىل سانى ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلغان.

چېڭ سۆزىدە يەنە، بارماق ئىزى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارتىلغان 2000 دىن ئارتۇق سۈرەت، 91 پارچە سىنئالغۇ لېنتىسى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

5 ‏- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ۋە سىن ئالغۇغا ئېلىنىپ، خەلقئاراغا تارقىتىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاشكارىلانغان مەزكۈر پاكىتلاردىن ۋە بىۋاستە ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن نامايىشتا ئۆلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان ئادەملەرنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ھېچقانداق ئەركىنلىككە ئىگە قىلىنمىغان ئۇيغۇرلار گەرچە تېنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، " چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇلاش - تالاش، ئوت قويۇش ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى سادىر قىلغان توپىلاڭچى ۋە زوراۋانچى" دېگەن قالپاقلار بىلەن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ يەنە داۋاملىق تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدە رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ" : خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپ شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلۈش قىلمىشىغا ئادىل پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەندىن سىرت، قوللىرىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان، ئەكسىچە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تىنچ يوسۇندا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلماقچى بولغان نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، نامايىشچىلار يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭلا ئەمەس، خىتاي مىللىتىنىڭ قاتتىق خورلىشىغا ۋە دەپسەندە قىلىشىغا دۇچ كەلگەن. نەتىجىدە ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىدىن ئۆچ ئېلىش، ھەتتا بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرى سادىر بولغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا، ئىزچىل چوڭ مىللەتچىلىك خاھىشى بويىچە، مەتبۇئات ‏ - تېلېۋىزورلاردا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان غەزەپ - - نەپرىتىنىڭ كۈچىيىشىگە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئويناپ كەلدى،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5" ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى پەيدا قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى پاش قىلىش دېگەن باھانە بىلەن ئۈزلۈكسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە توختالغان دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، نەق مەيداندا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە نامايىشنى توسۇش تەدبىرلىرى ئالماي، پۇرسەت كۈتۈپ زەربە بېرىش ھىلىسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىخەتەرلىكى تۈپەيلى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ياشلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئارسىدا " ياشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تۈرمە ئىچىدە " دېگەن سۆز تارقىلىپ كەتكەن.

بۇ ھەقتە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلاردا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بەدىنىگە ئوق تەككەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ 20 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بەدىنىدىكى ئوق ئېلىۋېتىلگەن ھامان ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەر تارقىلىشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.