تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇرلار قوللىرىدا تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 3 ئۇيغۇر بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە تاجىكىستان دۆلەت باشلىقىنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇلخەمىت داۋۇتئوغلۇ، ئەخمەت رەشىت ۋە كەمال ئۆمەرئوغلۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا، چۈشتىن كېيىن بولسا تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تۈرك قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

turkiye-tashqi-ishlar-ministirlikining-aldida-namayish-385.jpg
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا ئۇچ ئۇيغۇرنى سۈرۈشتە قىلىپ نامايىش بولدى. 2011-يىلى 25-يانۋار. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇيغۇرلار قوللىرىدا تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 3 ئۇيغۇر بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە تاجىكىستان دۆلەت باشلىقىنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن ھەرخىل شوئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا نامايىش قىلدى. كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىدىن ئۆزگەن ئەپەندى نامايىشچىلاردىن 5 كىشىلىك ھەيئەتنى قوبۇل قىلىپ، تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تۇتۇپ كەتكەن تۈرك پۇقراسى 3 ئۇيغۇر ۋەقەسىدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، دىپلوماتىك يوللار بىلەن سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى، رەسمىي بولمىغان يوللاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە سولاقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

tajik-diplomat-3-bala-heqqide-melumat-berdi-385.jpg
تاجىك دىپلومات 3 بالا ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 2011-يىلى 25-يانۋار. (RFA/Erkin Tarim)

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم، ئالىمجان بۇغدا ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تەبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىپ بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىمدا تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تاجىكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويدى. كېيىن تاجىكىستان ئەلچىلىكى باش كاتىپىغا تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 3 ئۇيغۇرنى قويۇۋېتىشى ھەققىدە سۇنغان ئىلتىماسىنى بەردى. باش كاتىپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئابدۇلخەمىت داۋۇتئوغلۇ، ئەخمەت رەشىت ۋە كەمال ئۆمەرئوغلۇ قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.