ئۇنۇتۇلغان ناخشىلار (1)

1944 - يىلى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە دۆلەت مارشى يېزىپ چىقىلغان، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارمىيە ناخشىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ناخشىسى بولغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت يىقىلغاندىن كېيىن بۇ ناخشىلار ئۇنۇتۇلغان.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە 13 - 14 ياشلاردا بولغان نازىم قەمبەرى ئەپەندى بۇ ناخشىلارنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئوقىغان. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھازىر بېشكەكتە ياشاۋاتقان نازىم قەمبەرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

نازىم قەمبەرى ئەپەندى سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۈشى بىلەن، ھۈكۈمەت رەھبەرلىرى ئاتاقلىق مۇزىكانت روزى تەمبىر، زىكرى ئەلپەتتاھ ۋە سەيدۇللاھ قارياغدىلارنى چاقىرىپ دۆلەت مارشى يېزىش ھەققىدە ۋەزىپە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئاتاقلىق سازەندىلەر `ئالغا چامداش`، `تۆرەم كەلدى`، `ئانا ۋەتىنىم` دېگەنگە ئوخشاش 4 ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى تېكىستىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىن `ئانا ۋەتىنىم` دېگەن ناخشىنى دۆلەت مارشى قىلساق بولىدىكەن دېيىشكەنلىكىنى، ئۇ سورۇنغا ئۆزىنىڭمۇ ياندىن شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نازىم قەمبەرى ئەپەندى بىزگە شۇ ناخشىلاردىن ئارىيەلەر ئوقۇپ بەردى.

نازىم قەمبەرى ئەپەندى بىزگە بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە 30 ئەتراپىدا ناخشا ئىجات قىلىنىپ ئوقۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ناخشىلارنى بىلىدىغان كىشىلەر كۆپ قالمىغان. نازىم قەمبەرى يادىدا قالغانلارنى ئۆزى رەتلەپ چىققان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.