' ئۈرۈمچى تىنچلانمىدى ... '
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.17
2009.07.17

AFP Photo
خىتاي ئاخباراتلىرى بولسا "ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى تىنچلاندى"، "ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمەتلىرى نورماللاشتى، ھەر مىللەت ئاممىسى خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئىناق ئىتتىپاق" دەپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە سىرتىغا كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
ھالبۇكى، ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، گەرچە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر تىنچلانمىغانلىقى مەلۇم.
تۈن باسقان شەھەردىكى تازىلاش
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل يۈز بەرگەن نامايىش تور بېكەتلەر ئارقىلىق دۇنياغا مەلۇم بولدى. 6 - ئىيۇلدىن كېيىن خەلقئارالىق ئاخباراتلار ئۈرۈمچىدىن مەلۇم ئاخباراتلارنى تارقىتىشقا باشلىدى، ئەمما بۇ جەرياندا 5 - ئىيۇل كۈنى كېچىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان تازىلاش تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتى، زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ۋەقە جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ياكى تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقىتىلمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە باستۇرۇپ كىرىشى ھەم بۇنىڭدا كۆرۈلگەن زىيان، ھازىرغا قەدەر قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغانلىقى، ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى يەنىلا ئېنىق ئەمەس.بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي قوراللىق ساقچى ھەم ھەربىيلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل كۈنى كېچىدە بىر تۇتاش تۇتۇش ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى ئاممىسىنىڭ سىرتلارغا چىقماسلىقىنى ئۇقتۇرۇپ مەھەللە مەھەللىلەرنى قامال قىلغان، ھەم باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن ئېلېكترىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، كېچىچە قاراڭغۇ ھالەتتە ئېلىپ بارغان.
بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىكى بىر دۇكاندار ئۇيغۇر، بىخەتەرلىكىنى كۈزدە تۇتۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بولسىمۇ، يەنىلا 5 - ئىيۇل كۈنى كېچىدىن باشلاپ ئات بەيگىسى مەيدانىدىكى ئاھالىلەرنىڭ توكىنى ئۈچ كۈن ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، ئات بەيگىسى مەيدانى رايونىغا كىرىش - چىقىشنىڭ پۈتۈنلەي توسۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا چوڭ بازا ئەتراپىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ بىر كۈتكۈچىسى، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كېچىچە توك ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە يەنە، 5 - ئىيۇل كېيىن ئۈرۈمچىدە كىشىلەرنىڭ توپلىنىپ پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا بارلىق رېستوران ھەم ئاشخانىلارنىڭ پەقەت تېز تاماق چىقىرىشقا بولىدىغانلىقى، توي - تۆكۈنلەرنى 20 - ئىيۇلدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە 5 - ئىيۇل كەچ سائەت 9 لاردا ئوق ئاۋازى باشلىنىپ، ئەتىسى كۈندۈزگىچە داۋام قىلغان ھەتتا ھازىرمۇ بەزىدە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن.
يوقاپ كەتكەن، تۇتۇپ كېتىلگەنلەر بەك جىق
خىتاي دائىرىلىرى 15 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 184 دىن ئېشىپ 192 گە يەتتى، يارىلانغان ئادەم سانى 1680 دىن ئېشىپ 1721 گە يەتتى دەپ ئېلان قىلدى.ھالبۇكى ئۆلگەن ھەم يارىدار بولغانلار سانىنىڭ ئېشىش سەۋەبى نېمە؟ ئۇلار توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرمۇ ياكى باستۇرۇشتا ئۆلگەنلەرمۇ؟ ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەم يارىلانغۇچىلارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى؟ شۇنچە كۆپ يارىدار قانداق پەيدا بولدى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار جاۋابسىز قالدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلاندۇرۇلغان ئادەملەرنىڭ كىملىكىگە دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب بەرمىدى.
5 - ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ، ئېرىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش ئايال، ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن جەنۇبتىكى يۇرتىدىن ئۈرۈمچىگە ئىشلەشكە كەلگەنلىكىنى، گەرچە ئېرى 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەگە ئارىلاشمىغان بولسىمۇ، شۇ كۈنى كېچىدىن باشلاپ خەۋىرى بولمىغانلىقىنى، ساقچى دائىرىلىرىگە سۈرۈشتە قىلىپ بارغىنىدا ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا تىزىملىتىشنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دۇكاندارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى يەنە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ پەرىزىچە، تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار 20، 30 مىڭغا بارىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش يىگىتلەر بولۇپ، ئات بەيگە مەيدانىدىكى تۇتۇش ھەرىكىتىدە، خىتاي ساقچىلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، 12 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارنىڭ ھەممىنى بىردەك تۇتقۇن قىلغان شۇنداقلا، تۇتۇش جەريانىدا ئىنتايىن قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ھەممىسىنى مەجبۇرى يالىڭاچلاپ تەكشۈرۈپ ئاپتوموبىللارغا بېسىپ ئېلىپ ماڭغان. ھازىرغا قەدەر بۇ بالىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە سالامەتلىكى ھەققىدە ئائىلىلىرىگە خەۋەر بېرىلمىگەن، ھەتتا بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغۇچىلارمۇ تەھدىتكە ئۇچرىماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولغاندەك، 7 - ئىيۇل دەل ئات بەيگە مەيدانىدا ئۈچ يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئايال ۋە بالا، تۇتۇلغان ئەرلىرى، ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ۋە نامايىش ئوخشاشلا مىڭدىن ئوشۇق ساقچى ھەم برونېۋىك بىلەن كەلگەن ھەربىيلەر تەرىپىدىن تېز ئارىدا تىنچىتىلغان ئىدى.
ھەربىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۈرۈمچىدە، 10 - ئىيۇل جۈمە نامىزىدىن قايتىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بېشىغا تىرەلگەن ئاپتوماتلاردىن قورقماي يەنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۇمۇ قاتتىق باستۇرۇلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ھازىرمۇ بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەم نارازىلىق توختىماي داۋاملاشماقتا ئىكەن.
خۇمدانلىق مەسچىتى خىتاي ئاققۇنلارنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىنغان
6 - ئىيۇل، قولىدا كالتەك - توقماق، قىڭراق - پىچاق كۆتۈرگەن خىتاي ئاققۇنلىرى ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكان ھەتتا مەسچىتلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلغان ئىدى.ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈزۈمچىلىك بىر تەقۋادار كىشى، بەزى مەسچىتلەر جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلارغا ئېچىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما جامائەتنىڭ ئۇنچە كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5 - ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى يۈز بېرىپ ئەتىسى، نيەنزىگو (خۇمدانلىق) مەسچىتى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ۋەيران قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا بۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە، دائىرىلەر جۈمە نامىزى ئوقۇلغان مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىغا تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئادەتتە بىر سائەتلەرچە داۋام قىلىدىغان جۈمە نامىزى ئاران 20 مىنۇت داۋاملاشقان.
مىللىي توقۇنۇش باشقىچە شەكىللەردە
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ باھاسىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش، خىتايدا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۆتكۈر توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاينىڭ قوراللىق كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىگە خەلقئارا جەمئىيەت "شۇ قەدەر قان تۆكۈشكەن بۇ ئىككى مىللەت يەنە بىر يەردە ياشىيالىشى مۇمكىنمۇ؟ "دېگەن گۇمانلىق نەزەردە دىققەت قىلماقتا، ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاممىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى نورماللىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ھالبۇكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ باشقىچە شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر دۇكاندارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن پايتەخت ئۈرۈمچىدە، خىتايلار رايونى ۋە ئۇيغۇرلار رايونى ئارىسىدا چېگرا ھاسىل بولغان بولۇپ، بۇ كىشىمۇ ئاپتوموبىلىغا گاز قاچىلاش ئۈچۈن بىر گاز پونكىتىغا كىرگىنىدە، گاز پونكىتىدىكى خىتاينىڭ گاز قاچىلاپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ كىشىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار خىتايلار كۆپ رايونغا بارمايدىكەن، خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رايونىغا كەلمەيدىكەن. ماگىزىنلاردىكى خىتايلار ھەتتا ئۇيغۇر خېرىدارلارغا نەرسە كېرەك سېتىپ بېرىشنىمۇ رەت قىلىۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە خىتاي "ئۈرۈمچى تىنچلاندى" دەپ قانچە تەشۋىق قىلسىمۇ، خىتاي ئاققۇنلارنىڭ ھەمدە باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يۇرتلىرىغا باس - باستا قايتىۋاتقانلىقىنى ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان ئايروپىلان، پويىزلارنىڭ بولسا قۇرۇق قاتناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.