' 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆرگەنلىرىم`

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خەلقارا مەتبۇئاتلاردا ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ قاراڭغۇ كېچىلىرىدە، ئارقا كوچىلىرىدا نېمىلەر بولغانلىقى تېخى تولۇق ئاشكارىلانغىنى يوق. ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە بولغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئايال ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىمىزغا رۇخسەت بەرمىگەچكە، سۆزىنى يېزىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

بۇ ئۇيغۇر ئايال ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ كوچىلاردا، دوختۇرخانىلاردا كۆرگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خىتايلارنىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.