خىتاي ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئىز قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 29 - ئىيۇل كۈنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىگە دائىر 15 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارقاتقان مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىدا، 14 ئۇيغۇر ۋە يەنە بىر نەپەر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بالدۇرراق ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر 10 كۈن مۆھلەت ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغاندا قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇلدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىكى تۇنجى قېتىملىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەققىدە ئوچۇق ئېلان قىلغان بۇيرۇقى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقى خەلقئارا مىقياسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىزنى تېخىمۇ تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

30 - ئىيۇل خىتاينىڭ قانۇن تور بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەۋەر تورلىرى، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلدى.

ئىسىم فامىلىسى ھەم سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىدا 14 نەپەر ئۇيغۇر ۋە يەنە بىر نەپەر خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

روشەنگۈل تەلئەت، خەيرىگۈل ئۆمەر، ئابدۇخېلىل مەمتىمىن، ئابدۇرىشىت ھوشۇر، ئەخەت ياسىن، ئەخمەت ئەمەت،ئەمەت ياسىن، غەنى ئوسمان،دىلمۇرات دىلشات، نۇرمەمەت مۇختەر،تاھىر ئابلىمىت، تۇرسۇن توختى مەمەت، غۇلامجان غېنى، ئوبۇلقاسىم مەمتىمىن ۋە جاڭ جاۋپەن.

Xitay-tutush-elani-chiqarghan-tizimlik-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ 14 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ 6 ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﺎﯓ ﺟﺎﯞﭘﻪﻥ (ﺧﯩﺘﺎﻱ)، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﯧﻠﯩﻞ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ، ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ، ﺗﺎﻫﯩﺮ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ، ﻧﯘﺭﻣﻪﻣﻪﺕ ﻣﯘﺧﺘﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. (www.legaldaily.com.cn ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەزكۇر كىشىلەرنى تۇتۇش بۇيرۇقىدا، بۇلارنى 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قاتناشقان جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلارغا 10 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش مۆھلىتى بېرىلگەن، مۆھلەت ئىچىدە مەلۇم قىلمىسا قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەمدە بۇ كىشىلەرنى ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىلارغا سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن.

ئەمما ھازىرغىچە قەدەر مەزكۇر ئادەم تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پەقەت روشەنگۈل تەلئەت ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالىدۇق. روشەنگۈل تەلئەت ئۈرۈمچىلىك، بۇ يىل 37 ياشتا بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا كومىتېتى ئىدارىسى خىزمەتچىسى ئىدى.

روشەنگۈل ھەققىدە ئىگە بولغان ئىشەنچلىك مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، روشەنگۈل 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشمىغان. 8 - ئىيۇلدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز، ئائىلىسىمۇ بىخەۋەر ھالدا ئۈرۈمچى شىمىگو ئاياللار تۈرمىسىگە سولانغان.

خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل باشلىغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىنى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا تەييارلىغان يالغان ئىسپاتى" دەيدۇ.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئادەم تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭمۇ، ئىلگىرىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە ياكى باشقا زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەندىن باشلاپ كېچە‏ - كۈندۈز تۇتقۇن ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى شۇنداقلا بۇ تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ھېلىھەم كۈچەيتىلىپ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي دائىرىلىرى 28 ‏ - ئىيۇل كۈنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر يەنە 253 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن تۇتقۇن قىلغانلار سانى ئىككى مىڭغا يېقىنلاشتى.

Xitay-tutush-elani-chiqarghan-tizimlik-2-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ 14 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯨﻦ 3 ﺋﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ (ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯘﺭ‏) ﺩﯨﻠﻤﯘﺭﺍﺕ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯨﺸﯩﺖ ﻫﻮﺷﯘﺭ، ﻏﯘﻻﻣﺠﺎﻥ ﻏﯧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. (www.legaldaily.com.cn ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

ئەمما مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ئىنكاسى بولسۇن ۋە ياكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلغان ھەم ئۆلگەن، يارىلانغانلار ھەققىدە ئېلان قىلغان سانىدىن گۇمانلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا،خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇلدىن باشلىغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىز ‏ - دېرىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.