ئۇيغۇر ئالىمى ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ۋە ' تۈركىي تىللار دىۋانى'

2008 - يىلىدا ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنى 1000 يىللىقى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ئورتاق تەبرىكلەندى. جۈملىدىن 15 - دېكابىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.16
Mexmut-qeshqiri-yighini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﯨﺰﻩ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯨﺰﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

يىغىنغا ئۇيغۇر ئالىمى ئىمىن تۇرسۇن ھاجىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان ۋە سوز قىلغان.
 
ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 15 - دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلىنىپ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئاياغلاشقان.

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يىغىنغا پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانلار ۋە ماھىنۇر قاسىم، مىجىت ناسىر قاتارلىق جامائەت ئەربابلىرى ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.

يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىيسى مىرسۇلتان ئوسمان ۋە ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىلەر "تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نەسەبى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىم مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى ئاسىيادا ياشاپ، ئىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەشپىياتلارنى ئىجاد قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ھەر خىل تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەنلىكىنى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭمۇ ئاشۇ خىلدىكى پەخىرلىك زاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ يېڭى نۇسخىسى نەشردىن چىققان، بۇ نۆۋەت نەشر قىلىنغان يېڭى نۇسخا جەمئىي ئىككى توم بولۇپ، ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان "تۈركى تىللار دىۋانى" ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان "تۈركىي تىللار دىۋان" لىرى ئىچىدە ئەڭ مۇكەممىلى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان " قوش تىل" مائارىپ سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئالىي مەكتەپلەردە بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىستېمالدىن قالدۇرۇلدى، شۇنداق شارائىتتا مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئەسلەپ ھەمدە ئۇشبۇ خۇسۇستا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىم "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەققىدە توختالدى.

گەرچە ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ماسلىقىنى يوقىتىش گىردابىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى ۋە نۆۋەتتىكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى نۇقتىلاردا كۆپ توختىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ياش ئۇيغۇر تىلشۇناسلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن " تۈركىي تىللار دىۋانى " نى تەتقىق قىلىش ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىجتىھات روھىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇر ئىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.