0:00 / 0:00
شۇنداقتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك مۈشكۈل يوللار ۋە نۇرغۇن بەدەللەر بىلەن خىتاينىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، دېموكراتىك ئەللەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
شۇلارنىڭ ئىچىدە تېخى يېقىندىلا گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەن، ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن نام شەرىپىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق سابىق رېژىسسورى، ئىستانسىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان بېسىملىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن سۆيگەن كەسپى ۋە بارلىقىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ياش رېژىسسور بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.