ئۇيغۇر ئېلىدە "مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىش ېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش تەلەپ" قىلىندى

يېڭى يىل كىرىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە "ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى" باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىنكاسلاردا بۇنىڭ ئاساسىي نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010.12.28
Nur-bekri-Urumchi-Basturush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.cctv.com

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يېقىندا چاقىرغان مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن "بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش"نى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، "مۇقىملىقنى ئىككى قوللاپ تۇتۇش ۋە ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش" دەپ، "ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان خەۋپنىڭ بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدىغانلىقى"نى ئەسكەرتتى.

جاڭ چۈنشەننىڭ بۇ سۆزى جاڭ چۈنشەننىڭ قانداقتۇر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۇمشاق قوللۇق سىياسەت ئەمەس، يەنە ئوخشاشلا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يەنە ئۇيغۇر رايونىدا 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىمۇ تەڭ باشلاندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن 10- دېكابىردىن باشلانغان بۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىنغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە "ج خ نازارىتى بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ ئالدى قاتتىق ئېلىنىدۇ"، دېيىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بويىچە ھازىر جايلاردا مەخسۇس ھەرىكەت گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرەر تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قارىتا "نەق مەيدانغا بۇرۇن بېرىپ، تېزدىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشى، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىشى’ كۆرسىتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىملىق 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزى ئەندىشە قىلىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.

دەرۋەقە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ج خ نازارىتىدىن بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ج خ ئورۇنلىرىدىن كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنى ئەمەلىي خەۋپ شەكىللەندۈرۈشتىن بۇرۇنلا يوق قىلىش بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق - ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ چەتئەللەردىكى "ئۈچ خىل كۈچ" لەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىشسىز ياشلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئىچكى قىسىم ۋە سىرتقا قارىتا تەشۋىق قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە داۋاملىق تۈردە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرگە يەنە، ئىدىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىمۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئىگىلىنىشىچە، 27- دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم يىغىن چاقىرىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي، ئىدىيە خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىنى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، كادىر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

چەت ‘ئەلدە ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سىياسىي كۆزەتكۈچىنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئارقا - ئارقىدىن مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يىغىنلىرىنى ئېچىش بىلەن تەڭ يەنە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىمۇ باشلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش دولقۇنىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان. دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت نەتىجىسىدە يەنە بىر قېتىملىق 5- ئىيۇل ۋەقەسىدەك ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ چىقىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى ئاخىرلاشقان 12-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە مەركەز دائىرىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر قاتار يىغىنلارنى چاقىرغان بولۇپ، خىتاي ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنلاردا "مۇقىملىقنى قوغداش" ۋە "بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش" مەسىلىسى باشتىن -ئاخىرى ئاساسلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.