4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامستېردام شەھرىدە باشلانغان تاللاش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئەكبەر تاھىر ئەپەندى، كېلەچەكتە دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. گوللاندىيىدە 9 قېتىم بىليارت چېمپىيونى بولغان رەنە دىكسترا ئەپەندى ئەكبەر تاھىرغا باھا بېرىپ، "ئەگەر ئۇ ياخشى مەشىق قىلسا دۇنيا چېمپىيونى بولۇشى مۇمكىن" دېدى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئەكبەر تاھىر ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق. بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى رەنە دىكسترا ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ تەنتەربىيە تۈرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "بىليارت ئەنگلىيىدىكىدەك بولمىسىمۇ گوللاندىيىدە مۇھىم بىر تەنتەربىيە تۈرى. مەن ئەكبەر بىلەن داۋاملىق ئويناۋاتىمەن. بۈگۈن ئۈچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنى ناھايىتى ياخشى ئوينىدى. بۈگۈنكى مۇسابىقە گوللاندىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم مۇسابىقىلەردىن بىرى."

ئۇيغۇر تەنتەربىيىچى ئەكبەر تاھىرنىڭ بۇ تەنتەربىيىدە ئىستىقبالى قانداق بولار؟ دېگەن سوئالىمىزغا رەنە دىكسترا مۇنداق جاۋاب بەردى: "ئەگەر باشقىلارغا ئوخشاش كۆپ مەشىق قىلسا ياخشى بىر تەنتەربىيىچى بولالايدۇ. ئەكبەرنىڭ خىتايدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. خىتاي دۆلىتى بۇ تەنتەربىيە تۈرىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەكبەر كېلەچەكتە دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن."
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەكبەر تاھىر ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.