' ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا '

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 17 - ئىيۇن ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇلاھىزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىم مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تېپىش جەھەتتە زور توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەمدە ھۆكۈمەت شتاتىدىكى ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىك خاھىشلىرىنىڭ كەڭرى رەۋىشتە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

مۇلاھىزە ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈلگەن بىڭتۇەن تەۋەلىكىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشتا خىتاي بولمىغان كاندىداتلارنىڭ كەمسىتىدىغانلىقى ۋە خىتاي بولمىغان ئالىي مەكتەپ ستۇدېنتلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشتا ئېغىر توسالغۇلارغا يولۇقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەزمۇنلار بويىچە قانات يايدۇرۇلغان.

مۇلاھىزىدە، بۇ يىل 7 - مايدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىنىڭ ئۆز تەۋەسىگە 984 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ 744 نىڭ خىتاي خىزمەتچىلەرگە قالدۇرۇلۇپ، قالغان 137 ئورۇننىڭ 11 نىڭ ئۇيغۇرغا، 2 سىنىڭ قازاقلارغا، ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئورتاق قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خاھىشلىرىنىڭ، "2006 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چىقىرىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدىمۇ سادىر بولغان" لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت ئېلانلىرىدىمۇ مىللىي كەمسىتىش مەۋجۇت ناملىق بۆلۈمىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم ۋىلايەت ، ئوبلاستلىرىدا تارقىتىلغان ، مەكتەپلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش خاھىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلىپ،:"ئاقسۇ ۋىلايىتىدە مەزكۇر ۋىلايەت تەۋەسىدىكى 436 ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت ئورنىنىڭ 347 سى خىتايلارغا، قالغان 89 ئورۇن ئۇيغۇرلارغا قالدۇرۇلدى" دېيىلگەن ۋە بۇ يىل 8 ماي، شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان خىزمەت ئېلانىغا، ئاز سانلق مىللەت كاندىداتلىرىنىڭ مىللەت چەكلىمىسىدىن باشقا يەنە، دىنغا ئىشەنمەيدىغان بولۇشى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق شەرتلىرى قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇنۇڭدىن باشقا ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە ئېلان قىلىنغان 500 خىزمەت ئورنىنىڭ 413نىڭ خىتايلارغا ساقلىنىپ، قالغانلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قالدۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇلاغا تىل چەكلىسىمۇ قويۇلىدىغانلىقى، كاندىداتلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆتكەل ئىمتىھانىدىن چوقۇم ئۆتۈشى شەرتلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كاندىداتلىرىغا بۇ خىلدىكى شەرتلەرنى قويۇشتىكى سەۋەبنىڭ ئارقىسىغا، "خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغان قوش تىل مائارىپ" سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەستى يوشۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىلىپ، ھەتتا ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قالدۇرۇلغان 89 ئورۇننىڭ 56 سىنىڭ باشلانغۇچتىن باشلاپ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇلاھىزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت پۇرسىتى ھەققىدىكى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشتا ھەر خىل توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، گەرچە ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كاندىداتلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى 70 پىرسەنتتىن يۇقىرى ھالەتتە ساقلاپ تۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولىسىمۇ: " ئەمما مىللىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى دەلىل ، ئىسپاتلار ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كەم بولۇشى، يۇقىرىقى باياناتلارنىڭ ھەممىسىگە شۈبھە تۇغدۇرىدۇ،" دېيىلگەن.

مۇلاھىزىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن 7000 خىزمەت ئورنى ھازىر قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكى، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەنلىكى، بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 4400 ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بولغان 6558 خىزمەت ئورنىنىڭ كۆپىنچىسى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، خىزمەتنىڭ يەنە بىر قىسمىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىغا قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە مۇلاھىزە ئاخىرىدا خۇلاسە سۈپىتىدە: “شىنجاڭ ئۇيغۇ ئاپتونوم رايونىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ھۆكۈمەت قوللايدىغان مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرىنىڭ داۋام ئېتىشى ۋە باشقا سىياسەتلەر بۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا خىتاي سىياسىتى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ تۇرىدىغان ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ، 2001 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.