شەرقىي تۈركسىتان‏، خىتاي‏، ئۇيغۇر تۈركلىرى‏، تۈرك تارىخى

يېقىندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرىسىتېتلاردىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.01.01
Uyghur-dawasi-heqqide-Turk-metbuatida-maqala-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﺋﯩﺰﻟﻪﻣﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ" ﻧﺎﻣﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯛﺯﺟﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻳﯜﻧﯘﺱ ﻫﺎﻣﺪﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 'ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﯩﺘﺎﻥ ‏، ﺧﯩﺘﺎﻱ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ‏، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ' ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://izlemeliturkey.blogspot.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يېقىندا ئىزلەمىلى تۈركىيە نامىلىق تور بېتىدە تۈركىيىنىڭ دۈزجە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر يۈنۇس ھامدى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان 'شەرقىي تۈركسىتان ‏، خىتاي، ئۇيغۇر تۈركلىرى‏، تۈرك تارىخى' تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھمىيىتى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان.

ماقالا مۇنداق باشلانغان: "شەرقىي تۈركىستان تۈركىيىدىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تۈركلەر ياشايدىغان رايون. شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى. تۈركلەر بۇ جۇغراپىيىدە توغۇلۇپ دۇنياغا تارقالغان. تۈنجى ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ يەردە قۇرۇلغان ۋە تۈركلەر تۈنجى قېتىم بۇ يەردە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى. ئۆز ئىختىيارى ۋە رازىلىقى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلامنىڭ نۇرىنى پۈتكۈل دۇنياغا تارقاتتى. تارىخ كىتابلاردا ئوقۇغاندەك، ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، غەزنىۋىيلەر، قاراخانىيلار ۋە تېمورلەرگە ئوخشاش تۈرك ئىمپىراتورلۇقلىرى بۇ جۇغراپىيىدە قۇرۇلغان. تۈركىستان دېگەن ھامان كۆپىنچىمىزنىڭ ئەقلىگە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا ئوخشاش تۈركى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىرى كېلىدۇ. بۇ جۇغراپىيە غەربى تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقي تۈركىستان بولسا، خىتاي ئىشغال ئاستىدا قالغاچقا، ھازىرقى ھۆكۈمىتىمىز ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ئۇنتۇلغان ۋەزىيەتتە قالدى. بەزى ئاخباراتلاردا شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە خەۋەرلەر چىقسا، كۆك بايراق بىزنىڭ بايرىقىمىزغا ئوخشايدىكەن دەيمىز، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بەك قىممەتلىك بىر مەدەنىيەت."

ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلىگەن: "بەزى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ۋەقەلىرىنى مىللىي توقۇنۇشقا ئوخشىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، خەلقىمىز ئوخلىتىلىۋاتىدۇ، ئەڭ توغرىسى ھېچبىر ئىش قىلالمايۋاتىدۇ، خەلقىمىز، ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ھۆكۈمەتتىن كۈتىۋاتىدۇ، بۇ پەقەت تۈرك تارىخىنى بىلمىگەنلىكىمىزنىڭ بىر ئىسپاتى. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى ئەسىردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خىتاي زۇلۇم ئاستىدا قالدى. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، ئۇيغۇر تۈركلىرىمۇ باشقا تۈركلەرگە ئوخشاش مۇستەقىللىققە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار خىتاي ئىشغال قىلغاندىن بىرى كۆپ قېتىم مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ھەتتا شەيخ شامىلغا ئوخشاش تۈرك تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان مەشھۇر شەرقىي تۈركىستانلىق مۇجاھىدلىرىمىز بار. ياقۇپخان بەدەۋلەت، ئوسمان باتۇرغا ئوخشاش مۇجاھىدلىرىمىز بار. خىتايلار ھەم كوممۇنىست، ھەم غەيرى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئىشغال قىلغان 50 يىللىق بىر مۇددەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلدى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈپ، رايوننى خىتايلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى. بۇمۇ كۇپايە قىلمىغاندەك ئائىلە پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرى بىلەن تۈركلەرنىڭ دىنىنى، مىللىتىنى ئاسسىملياتىسىيە قىلىپ، مۇسۇلمانلىقتىن ئۇزاق بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا."

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلىگەن: "ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيادىن، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن، تۈركىيىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۆز ئىمكانىيتى ۋە سەبىرچانلىقى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، ياشاشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتايلار ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسە ئىسيان قىلىدۇ دەپ قاراپ، تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. پۈتكۈل دىنىي ئۆلىمالارنى ۋە ئىماملارنى، ئۇيغۇرلارنى ئىسيان قىلىش ئۈچۈن تەشۋىق قىلدى دېگەن توھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. دىنى ئالىملارنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا زورلاپ، ماۋزېدۇڭنى ئىلاھ دەپ چوقۇنۇشقا مەجبۇرلىدى. جۈمە نامىزىغا بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائاشلىرىنى تۇتۇپ قالدى. قىزلىرىمىزنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈزۈپ نابۇت قىلىۋاتىدۇ ياكى پاھىشىلىككە زورلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىغا چىقىشى چەكلەنگەن، چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىگە چوڭ مىقداردا پۇل تۈلىگەندىن كېيىن رۇخسەت قىلىدۇ، بۇ شەرت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمكانسىز، چۈنكى ئۇيغۇرلار بەك نامرات قالدۇرۇلغان. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بەرگەن مائاش بىلەن ئاران تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشايدۇ. مەسچىتلەرگە خالىغان كىشىلەر كىرەلمەيدۇ، مەسچىت ياسىغانلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىدۇ. خىتاي ئاتوم يادرو سىناقلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ساغلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركسىتاندىكى تۈرك تارىخىغا ئائىت پۈتكۈل دىنىي ۋە مىللىي يادىكارلىقلارنى ھەر خىل باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ بۇزۇپ ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. بۇ قىلمىشلىرىنى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ تېزلىتىۋاتىدۇ."

ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاينىڭ بۇ رايوننى ئىشغال قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى بەك كۆپ. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، خىتاينىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى مول ھۇسۇل بەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك زېمىنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان."

ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "شەرقىي تۈركىستان تۈنجى قېتىم ياقۇپخان بەدەۋلەت دەۋرىدە ئوسمانىيە ئىمپىراتورلۇقىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ئابدۇلئەزىزخان بۇ ياردەم تەلەپنى قوبۇل قىلىپ، بىر بۆلۈك پىدائىي ئەسكەر ۋە نۇرغۇن قورالنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن. ئەمما ئۇ دەۋرىدە ئوسمانىيە دۆلىتى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەچكە، كۆپرەك ياردەم قىلالمىغان. ياقۇپخان بەدەۋلەت شەرقىي تۈركىستانغا ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئېسىپ بۇ جۇغراپىيىنىڭ ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلىقىغا تەۋە بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدۇ. خىتايچىدا شىنجاڭ دېگەن سۆز يېڭىدىن قولغا ئۆتكەن چېگىرا زېمىن دېگەن مەنىدە بولۇپ، خىتايلار بۇ زېمىننى بىز ئىشغال قىلىپ تارتىۋالدۇق دەپ تونۇيدۇ ۋە ئۆز ئاغىزى بىلەن شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇ، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قوبۇل قىلمايدۇ، خىتاي بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي چېگىرا سەددىچىن سېپىلى. سەددىچىن سېپىلىنى خىتايلار تۈركلەردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ياسىغان. مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن رۇسىيىدىن كوممۇنىزىم خىتايغا سىڭىپ كىردى ۋە خىتايلارمۇ كوممۇنىزىمنى قىزغىن قوبۇل قىلىپ قارشى ئالدى ۋە خىتايدا ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئۇيغۇرلار مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. بۇ ۋەزىيەتكە قارشى چىققان كوممۇنىست قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى رايونغا نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ، بۇ جۇغراپىيىدە كەڭ تۈرلۇك قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئۇ زاماندىن ھازىرغىچە بۇ زۇلۇمنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بەزى ئۇيغۇر تۈركلىرى شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۇك ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، دۇنيا جامائىتىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ قىيىنچلىقلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ كەلمەكتە."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.