ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 21-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 15 يەردە سەرگەردان بالىلار تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، قايتىدىن خىتاي ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ قىزىق مۇلاھىزە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
نەچچە ئون يىللاردىن بېرى، تەلتۆكۈس ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ سەرگەردان بالىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كېلىش بىلەن مەسىلە ھەل بولامدۇ ؟ دېگەندەك مەسىلىلەر تەبىئىي ھالدا يەنە مەيدانغا چىقماقتا.
مەزكۇر مەسىلىلەرگە قارىتا مۇخبىرىمىز ئۇيغۇر ئېلىدە سەرگەردان بالىلار، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا خالىسانە ياردەم بېرىش بىلەن نام قازانغان يارىپ زەھەر تاشلاشتىن پسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەخمەت قۇرباننى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.