ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن سۆھبەت

بىز ئۆتكەنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا، 10 نەچچە يىل ئىشلىگەن 2 نەپەر خىزمەتچى خادىمنىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىغا زىت كېلىدىغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى بەرگەن ئىدۇق.

0:00 / 0:00

ئۇلار ئىنكاسلىرىدا، بۇ يەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ فامىلىسى مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە فامىلىلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارغا مىللىتى خىتاي دەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدىغانلىغىنى، 10% نى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي بالىلىرى بىلەن بىر ئاشخانىدا مۇسۇلمانچە بولمىغان تاماقلارنى يەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى خىتايلارغا بالا قىلىپ بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

شۇندىن كېيىن بىز بۇ جايدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەم بەزى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدىكى قىسمەن ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق. گەرچە، بۇ يەردە ئىشلىگۈچى خىزمەتچى خادىملار، ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار بەزى سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن، بالىلار ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

بىز بۇ سۆھبىتىمىزنى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى كېچىلىك نۆۋەتچى خادىم، ئىشخانا خىزمەتچىسى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسى مۇدىرى شۇ، ئارخىپ بولۇمى مۇدىرى جاڭ خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ باردۇق.

بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. گەرچە سۆھبىتىمىزدە ئۇلار بىز سورىغان بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان، كونكرېت مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان، بىز ئىگىلىمەكچى بولغان ئىنچىكە مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنىلا بەزى ئەھۋاللارنى دەپ بەردى.

بىزنىڭ تېلېفونىمىزنى بىر ئايال خىزمەتچى ئالدى. ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگىنىدىن كېيىن، بىزگە ئۆزىنىڭ بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، تەپسىلىي ئىشلارنى يەنىلا كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمدىن سورىشىمىزنى ئېيتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بىزگە بۇ يەردە 400 دەك بالا بارلىقىنى ئۇلارنىڭ مەجرۇھ ھەم زېھنى ئاجىز بالىلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى.

بىز ئۇنىڭدىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قانداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە بۇ ئورۇننىڭ خىتاي تىلى سىستېمىسىدىكى ئورۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ ئەلۋەتتە خىتايچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇخبىرنىڭ بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ خىتايچە فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىگە، بەزى بالىلار ئېلىپ كەلگىنىدە ئۇلارنىڭ ئىسمى يوق بولغىنى ئۇچۇن ئۇلارغا بۇ يەردە ئىسىم قويۇلغانلىقىنى دېدى. ئۇ سوزىنىڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ يەنىلا مۇخبىرلار زىيارىتىگە مەسئۇل شۇ ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىمىزنى ئېيتىپ، شۇ ئەپەندىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردى.

بىز شۈ ئەپەندى ھەم جاڭ خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بالىلار پاراۋانلىق ئورنى خىزمەتچى خادىملىرى ھەم ئىشخانا مۇدىرلىرى بىز سورىغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان، بىر - بىرىگە ئىتتەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىكى ھودۇقۇش ۋە تەمتىرەش، بۇ يەردە ئىلگىرى رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىنغان، مىللىي كەمسىتىش ئەھۋاللىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.