تۈركىيىدىكى ئۈلكە تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۈچ سائەتلىك مەخسۇس پروگرامما كۆرسەتتى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە. 10 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكە تېلېۋىزىيىسىدىكى "ئاچىق دېڭىز" پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، دىنى ئېتىقادى، ئىقتىسادى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە خەلقئارا سىياسەتتىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاڭلىتىلدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن، ئەتىگەن سائەت 2 گىچە 3 سائەت داۋام قىلغان پروگرامما، ئەتىسى، يەنى، يەكشەنبە كۈنى قايتا بېرىلگەن بولۇپ، تۈركىيىدىكى نۇرغۇن كىشى بۇ پروگراممىنى كۆرگەن. تۈركىيىدە تونۇلغان تېلېۋىزىيە خادىمى سادىق يالسىز ئۇچانلار ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر پروگراممىغا دوكتور ئابدۇلخامىت ئاۋشار ئەپەندى قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپى باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرمۇ تېلېفون ئارقىلىق قاتنىشىپ پروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۈچ سائەتلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىسى جەريانىدا مىڭلارچە كىشى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى سادىق يالسىز ئۇچانلار ئەپەندىگە خەت يېزىپ ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى ۋە پروگراممىغا قاتناشقۇچىلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىدى. خەت يازغانلار ئىچىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى پادىشاھلىرىدىن ئابدۇلخەمىتخان ئىككىنچىنىڭ نەۋرىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ بوۋىسى ئابدۇلخەمىتخاننىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىدى. پروگراممىدا تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا ماسلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ بېرىلدى. بىز ئۈلكە تېلېۋىزىيىسىدە بۇ پروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە جەريانىدا ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ پروگراممىنى مىليونلارچە ئىنسان كۆرگەن.

بىز بۇ پروگرامما ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروگراممىغا قاتناشقان دۇق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، ئابدۇلخامىت ئاۋشار ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.