'خىتاي مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، ۋاڭ لېچۇەننى سوتلىشى كېرەك'

'ئامېرىكا ئاۋازى' نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن 9‏ - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 2 دىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە يەنە مىڭلىغان كۆچمەن خىتاي ئۆز ھۆكۈمىتىدىن بىخەتەرلىك تەلەپ قىلىپ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.04
Urumqide-xitay-namayishi-ewijke-chiqti-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 4 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﯘﭖ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى كۇچىلاردا تەرتىپ ساقلىدى. نەق مەيداننى زىيارەت قىلىۋاتقان خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇرۇپ تۇتۇپ كەتتى.

كۆچمەن خىتايلار نامايىشتا 'يوقالسۇن ۋاڭ لېچۇەن ' دەپ شۇئار توۋلىدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمەن خىتايلار نامايىشتا 'يوقالسۇن ۋاڭ لېچۇەن ' دەپ شۇئار توۋلىدى. بەزى خىتايلار يەنەا، ب ب س تور بېتىگە 'شىنجاڭدا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بولمىغان'، 'ئاپتونوم رايوننى ئەمەلدى قالدۇرۇپ ئۆلكە قۇرۇش كېرەك' دەپ تەشەببۇس يازدى.

مېڭ جەنجۇ يىڭنە سانجىپ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى 'مىللىي بۆلگۈنچىلەر 'دەپ جاكارلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە كۈندىن بۇيان نامايىش توختىمىغاندىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جەنجۇ بۈگۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 'مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىپە' دەپ جاكارلاپ، 'مۇقىملىقنى ساقلاش'قا ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىشقا باشلىدى. يىڭنە سانجىپ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى 'مىللىي بۆلگۈنچىلەر 'دەپ جاكارلىدى.

خىتاي ئۈرۈمچىدە يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئادەملەردىن 5 كىشى ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى، دەپ جاكارلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئادەملەردىن 5 كىشى ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى، دەپ جاكارلىدى. 'بوشۈن تور گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر ئۈرۈمچىدە يىڭنە سانجىپ پاراكەندىچىلىك سالغان' دېگەن نام بىلەن تۇتۇلغان جىنايەت ` گۇماندارلىرىنىڭ سانى 21 گە يەتتى.
Sherqi-Turkistan-Urumqi-Xeritisi-305.jpg
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
RFA

دىلشات رىشىت: خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ۋاڭ لېچۇەننى سوتلاش كېرەك

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرالتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۈزۈمچى ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن، خىتايلارنىڭ ھازىر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خىتايدىن كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش سىياسىتىنىڭ تامامەن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جەنجۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ قىلغان سۆزىدىن قارىغاندا، ئۇ يەنىلا ئۈرۈمچىگە مەسىلىنى ھەل قىلغىلى كەلمىگەن، بەلكى پەقەت ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ يەنىلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى بىلەن خىتايلارنىڭ نامايىشىغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ۋاڭ لېچۇەننى سوتلاش كېرەك ۋە رابىيە خانىم بىلەن سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

يىڭنە ھۇجۇمى دېگەن مەسىلىنى خەلقئارا تەشكىلاتلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئۈرۈمچىدە يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانلار ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، مەسىلەن 19‏ - مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلىرى يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلار 'ئۇيغۇرلا بىزگە يىڭنە سانجىدى' دەپ نامايىش قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنى ئەينەن ئىنكاس قىلمايۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىنى چۇقۇم خەلقئارا تەشكىلاتلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.