ۋاڭ لىشيوڭ قاتارلىق يازغۇچىلار ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى مىللى سىياسىتىنى تۈزۈتىشكە چاقىردى

ۋاڭ لىشيوڭ قاتارلىق خىتاي يازغۇچىلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى مىللى سىياسىتىنى تۈزۈتىشكە چاقىردى. تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەتتە نۇقتىلىق ھالدا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرى ھەم يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.03.09
wang-lixiong-dalay-lama-305.png سۈرەتت ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى دالاي لامادىن «ھەقىقەت نۇرى» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا
AFP

خەتتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى مىللى سىياسىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش يولى بىلەن مەسىلىنىڭ ھەل بومايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ جىددىلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مىللى سىياسىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ تۈزۈتىشى تەلەپ قىلىنغان.

7 - مارت كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئەمەلدارلىرىدىن جاڭ چۈنشەن، نۇربەكرى قاتارلىقلار ھەمدە سىچۈئەن تىبەت رايونىدىكى ئەمەلدارلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ رايونلاردا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇنىڭغا قارىتا جىددى ئىنكاسلار بېرىلىش بىلەن بىللە، خىتاي ئىچىدىكى زىيالىيلارمۇئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللى سىياسەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

9 - مارت كۈنى ۋاڭ لىشوڭ قاتارلىق خىتاي يازغۇچىلىرى توردا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن نۆۋەتتە تىبەت ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشتىن ئىبارەت مىللى سىياسەتكە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

9 - مارت كۈنى تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى تور بەتلىرىدە ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيىغا قارىتىپ يېزىلغان، خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللى سىياسىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ تۈزىتىش تەلەپ قىلىپ يېزىلغان خەت ئېلان قىلىندى.

خەتتە نۇقتىلىق ھالدا بۇلتۇردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىبەت راھىپلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» ۋەزىيىتىنىڭ ئورنىغا، بۇ رايونلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدەك ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەتتە بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەئىكەتلىرىنىڭ ھەم ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، مىللى سىياسەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش تەلەپ قىلىنىپ، مۇنداق بايانلار بېرىلگەن.

«يېقىندىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىش ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيدى، شىنجاڭدا بولسا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى تەكرار يۈز بەردى. تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆپەيتىلىپ، جەڭ مەيدانىنى ئەسلىتىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئىلگىرىكى چاغلاردا نىسبەتەن تىنچ رايون دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئىچكى موڭغۇلدىمۇ بۇلتۇر مىللى قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللى سىياسەتتە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر رايونىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللى سىياسەتكە قارىتا تەكشۈرۈپ - تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.»

خەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغالغان بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ قولى بار دەپ ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقى سەۋەبنى ئاممىغا ئېلان قىلمىغانلىقى بايان قىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىدىن ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىندى.

خەتتە بۇ ھەقتە توختىلىپ،" 2008 - يىلىدىكى11 - مارت لخاسا ۋەقەسىدىن كېيىن، تىبەت يەرلىك دائىرىلىرى«11 - مارت ۋەقەسىنى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات گۇرۇھلىرى مەقسەتلىك ھالدا پىلانلىغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئىسپاتىمىز بار» دەپ ئېلان قىلدى. 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، شىنجاڭ دائىرىلىرى ۋەقەنى چېگرا سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەر ئەتراپلىق پىلانلىغان ھەم تەشكىللىگەن دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما تاكى بۈگۈنگە قەدەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقى سەۋەبنى ئاۋامغا ئېلان قىلمىدى. بىز مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.» دېيىلدى.

خەتتە يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ مىللى سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق سەۋەبىدىن قوزغالغان بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى خاتالىقلارنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى تەنقىتلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىدىن نۆۋەتتىكى" قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش"سىياسىتى يۈرگۈزگۈچىلەرنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى.

خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «مىللى مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى چەتئەللەردىن ئىزدەپ، ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرۇشقا باھانە ئىزدەش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قاتارلىقلار مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان مىللى مۇناسىۋەتكە دائىر ۋەقەلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، كېڭىيىشى، يۈز بېرىش مۇددىتىنىڭ قىسقىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنى ئىسپاتلىماقتا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىدىغان بىيوكراتلىقنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش قىلمىشىنى چەكلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نۆۋەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان ئەمەلدارلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش خاھىشىغا چەك قويۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ خىل قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش مىللى رايونلاردىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرىۋېتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چوقۇم بۇ خىل سىياسەتكە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشى كېرەك.»

ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىق خىتاي يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن خەلق قۇرۇلتىيىغا قارىتىپ يېزىلغان بۇ ئوچۇق خەت ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بىلەن بىللە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا بۇ خەتنى ئېلان قىلغان خىتايدىكى يازغۇچى يىڭ دېيى ئەپەندى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ تىبەت مىللىتىدىن بولغان ئايالى يازغۇچى ۋوئىسېر بىرلىكتە ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى كۈنى تىبەت مىللىتىدىن بولغان يازغۇچى ۋوئىسېر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمى ھەم ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىبەتلەرنى ئەمدى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتىكى رېئاللىق ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن ياشاشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.