ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەمدۇ ؟

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرىزىدىكى مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەيىنلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى سىرتىدىكى ۋەقە ئىدى.

0:00 / 0:00

جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىگە قويۇلۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "شىنجاڭ" سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ ئانالىزچىلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرى بولسا ھەر خىلدۇر.

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ "شىنجاڭ"دىكى ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن ۋاڭ لېچۈەننىڭ كومپارتىيە سىياسى بېيۇروسىدىكى ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ساقلاپ قېلىنىدىغانلىقى ياكى بۇ ۋەزىپىسىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھىدىكى ئۆزگىرىش ۋاڭ لېچۈەن بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، پات يېقىندا ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىك گۇرۇھى تەڭشىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەنبە كۈنكى يىغىندا ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۇنشيەننىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىستىلىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تىلغا ئېلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ "ئاساسى تۆھپىسى"نىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، "بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى، جاڭ چۈنشيەننىڭ بولسا" ئىدىيىسىنىڭ ئازادلىقى"، "تەپەككۇرىنىڭ ئوچۇقلۇقى"، "مەركەزنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىكى پوزىتسىيىنىڭ قەتئىلىكى" ۋە "رەھبەرلىك تەجرىبىسىگە باي" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى پىنسىيىگە چىققان بەزى زاتلار رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، جاڭ چۇنشيەن بىلەن تەڭ، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ كېتىشى ئۇيغۇر ئىلىدە بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بېرەمدۇ ؟ ئانالىزچىلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرى تۈرلۈك بولۇپ، جاڭ كۇيدى ئەپەندى رەھبەرلىكتىكى ئالمىشىشنى خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قارايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

رادىئومىزنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كومپارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ شىنجاڭ سىياسىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى دېگەن نۇقتىدا بىرلەشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چېن كۇيدى، "كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭ مەسىلىسى ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن ھالقا. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئوپىراتسىيە قىلىشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ. مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالامدۇ ‏ - بولالمامدۇ ؟ بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. ئۇلار سىياسەت جەھەتتىكى بەزى تەرتىپكە سېلىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى بىر ئاز يۇمشىتىپ، بۇرۇن يولغا قويغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئېھتىمالى بار دەپ قارايمەن. ۋاڭ لېچۈەن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش تەرەپدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ھازىر ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈشى كومپارتىيىنىڭ بۇ مەسىلىدە بەزى تەرتىپكە سېلىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئېھتىماللىقى مەۋجۈت" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، جاڭ چۇنشيەننىڭ رايوندىكى مەۋجۈت نىگىزلىك مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. جۇڭگو دىموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ جۇن بۇ قاراشتىكى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": كومپارتىيىنىڭ ھەر قانداق بىر رەھبىرى، بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ تۈپ نىگىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر".

خىتاي كومپارتىيىسى كېلەر ئاي بېيجىڭدا "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى" چاقىرىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسى ئىستراتېگىيىسىنى بېكىتىدۇ. كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىش توغرىسىدىكى قارارى 5‏ - ئايدىكى يىغىننىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ كۇيدى ئەپەندى ۋەزىيەتنى تىنجىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتىدۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جاڭ چۈنشيەن ئىشنى بەزى ناھەقچىلىكلەرنى تۈزىتىش بىلەن باشلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، "ئالدى بىلەن مېنىڭچە، بولمىدى دېگەندە بۇرۇن خاتا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان، ئادالەتسىز سوتلانغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشى لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتقادىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرىدىكى مۇزنى ئېرىتىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ يولىدا ماڭماي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان سىياسەتلەرنى توختاتسا، شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ مەلۇم ئورنىنى تىكلىيەلىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.