ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى: يالتادىن قالغان چاڭ - توزاڭلار

ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئانالىزچى، ئىستانسىمىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ " ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى" دە ماقالە ئېلان قىلىپ، 1945 ‏ - يىلى ئېچىلغان يالتا يىغىنىدىن نۆۋەتتە 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۈەنتانامو ئارىلىغا قامىلىشىغىچە بولغان تارىخىي جەريان ئارىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى شەرھىلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.26
Wash-times-SidikHaji-305.jpg ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﺴﻰ ﺳﯩﺪﯨﻘﻬﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 26 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ " ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﺩﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ " ﻳﺎﻟﺘﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﯓ - ﺗﻮﺯﺍﯕﻼﺭ " ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
washingtontimes.com / Author Sidik Haji Rozi

 ماقالىسىدە پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2005 ‏ - يىلى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا " يالتا يىغىنى زور تارىخىي خاتالىق ئىدى" دېگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن سىدىقھاجى روزى، "چوڭ دۆلەتلەر 1945 " ‏ - يىلى يالتا يىغىنىدا ئاسىيا، ياۋروپانى بۆلۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ 2002 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى "تېررورچى تەشكىلات" دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ بۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشتىكى پۇرسەت ئورنىدا قوللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن.

" ۋاشىنگتون ۋاقتى " گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "يالتادىن قالغان چاڭ - توزاڭلار" سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ىسىدىقھاجى روزى ئەپەندى، 1945 ‏ - يىلدىكى يالتا يىغىنى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئارىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى شەرھىلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى يالتا يىغىنىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، خىتاي - سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامىلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا زۇۋان سۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور ماقالىدە بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ": چۈنكى ئامېرىكا گېنېرالى لىسمۇس جاڭ كەيشىنىڭ كوممۇنىست ماۋ زېدۇڭ بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا ئۇنىڭ ھۇلىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلاتتى شۇنداقلا ئامېرىكا يەنە يىراق شەرق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەمكارلىشىدىغان شېرىك، دەپ قارىغان ئىدى."

ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىدىكى ماقالىدە يەنە 2002 ‏ - يىلغا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورچى تەشكىلات ئېلان قىلىپ، ئىراققا ھۇجۇم قىلىشتا خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماسلىقنى پىلانلىغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشنى جىددىلەشتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى، قىز - چوكانلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتايلارنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك نوپۇس قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئاپتور يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ قوشۇن چىقىرىپ ئازاد قىلىپ قويۇشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ھېسداشلىققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت ئوباما ياكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

"ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى" كونسېرۋاتىپ پىكىر ئېقىمدىكى ئامېرىكا گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر گېزىت كونسېرۋاتىپ پىكىر ئېقىمىدىكى ئامېرىكىلىقلارغا خىتاپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇۋاتقان كۈچلەر ئىدى. سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئامېرىكىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىققان. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرىنى ئالغان ئىدى. ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئادۋوكاتلار گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.