خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلمەكچى

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋەن جياباۋنى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەنقەرەدە رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.05
Dr-Erkin-ekrem-we-Dr-Sinan-ogan-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺩﺭ. ﺳﯩﻨﺎﻥ ﺋﻮﮔﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺩﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ.
RFA Photo / Erkin Tarim

كېيىن ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئاخىرىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

يەنە باشقا ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئافغانىستان، ياۋرو - ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

2009 - يىلى، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندا، ئۈرۈمچىگىمۇ بارغان ئىدى. بۇ زىيارەتتىن بىر ھەپتە كېيىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەردى.
 
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى ئۈرۈمچىدە "ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى" دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىشىش پەيدا بولغان ئىدى. كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى مەمەت شىمشەك بىلەن تىجارەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاينى زىيارەت قىلغان ، ئارقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىيېچى بىلەن تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. بۇ ئۇچرىشىشلاردا سودا توختامنامىلىرىگە قول قويۇلۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىلگەن ئىدى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقتا ياخشىلىنىش پەيدا بولغان. تۈركىيە سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا تۈركىيىنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 9% كۆپەيگەن.
     
ئابۇ ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويارمۇ؟ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىرى بولار؟ تۈركىيە تىجارىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي قويارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى در. سىنان ئوگان ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.