ئىككى چوڭ يىغىندا بۈگۈن قۇرۇق شوئار - قۇرۇق گەپ

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىنى بۈگۈن قۇرۇق شوئار، قۇرۇق گەپ ۋە "پارتىيە"، "جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى" دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى قاپلاپ كەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.03.04
Xitayning-7-5-Iyul-weqesini-burmilighan-teshwiqat-materyali-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ "ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺗﯧﺰﯨﺴﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯘ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، "ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ -ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5‏ - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻮﺋﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
RFA Photo / Kurban Weli

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "پارتىيە"، "جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى" دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى شوئارلىرى، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بولسا 1953‏ - يىلى تۈزۈلگەندىن كېيىن تا ھازىرغىچە ئەينەن ئىجرا قىلىنىپ باقمىغان "سايلام قانۇنى"غا تۈزۈش كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان قۇرۇق گەپ داۋام قىلغان.

سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى "پارتىيە"، "جۇڭخۇا ئوغۇل -قىزلىرى" دەيدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى قاپلاپ كەتكەن

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "مەجمۇئە" گېزىتى بۈگۈن پۈتۈن بىر باش بېتىدە ئىككى چوڭ يىغىنىنى خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان قۇلىقى يۇمشاق ھەم قولىدىنمۇ ئىش كېلىدىغان خوڭكوڭ، ماكاۋ ئالاھىدە رايون باشلىقلىرى سايلام ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن "مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى" دېگەن نام بىلەن قاتناشقان. بۇ يىغىننى "پارتىيە"، "جۇڭخۇا ئوغۇل -قىزلىرى" دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى قاپلاپ كەتكەن. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزى تىبەتلەر ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن پەنچەن لامامۇ تۇنجى قېتىم بۇ يىغىندا "يۈزىنى ئاچقان."

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا، جاچىڭلىننىڭ "پارتىيىنى ھىمايە قىلايلى" دېگەن دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، ئەمەلىيەتتە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىنالار توغرىسىدا چىقارغان بەلگىلىمىلىرى، جەمئىيەتتە ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى، ئىنتېرنېتنىڭ كونترول قىلىۋېلىنغانلىقىغا قارىتا خەلقنىڭ نارازىلىقى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر بۇيىچە كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەيدىغان پىكىرلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى "سايلام قانۇنى"غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قۇرۇق گەپ قاپلاپ كەتكەن

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بۈگۈن، خىتايدا 1953‏ - يىلى تۈزۈلگەن "سايلام قانۇنى" غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا، بىر قىسىم "ۋەكىل"لەر خىتاينىڭ سايلام قانۇنىنى مەدىھىيىلىگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم "ۋەكىل"لەر خىتاي تۈزۈلگەن "سايلام قانۇنى" ئەزەلدىن ئىجرا قىلىنماي كېلىۋاتقانلىقىنى، دېھقان ۋەكىللەر بىلەن شەھەر ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى نامۇۋاپىق بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ۋەكىللەرنىڭ ئىچىدە كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تەنقىدىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا سۆزگە چىققان خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ "بۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەكىللىرى مەلۇم جەھەتتە ھوقۇقتا تەڭ -باراۋەر بولالمىغان ئىدى " دەپ ئېتىراپ قىلغان ۋە "بۇ، ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن شۇنداق بولغان" دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى چوڭ يىغىندا ئىككى چوڭ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ

"بوشۈن تور گېزىتى"نىڭ بايان قىلىشىچە، خەلققە خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە ياپونىيىدىن ئېشىپ كېتىپ، دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولدى، دەپ كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتتە خىتايدا خەلقنىڭ ئوتتۇرا ھېسابتىكى كىرىم مىقدارى تېخىچە كامېرون، گۇاتىمالا قاتارلىق نامرات دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەلقتىن يوشۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ خاتا سىياسەتلىرى پەيدا قىلغان شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ پەرق ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىدىن ئىككى چوڭ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قوللىنىۋاتقان "بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنى توغرا تونۇش ھەققىدە تەشۋىقات تېزىسى"

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى باشلانغاندا جاچىڭلىننىڭ "پارتىيە -ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنى قانۇن بۇيىچە ھەل قىلغانلىقىنى ھىمايە قىلايلى" دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. كوممۇنىست خىتاي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ھازىر قوللىنىۋاتقان "بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنى توغرا تونۇش ھەققىدە تەشۋىقات تېزىسى" دېگەن مەخپىي كىتابنىڭ فوتو كوپىيىسىنى، بۈگۈن مەلۇم بىر كىشى رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات تېزىسىدا، "رابىيە قادىر 5‏ - ئىيۇل كۈنى تېلېفون ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ تۆھمەت قىلىنغان. ئۇيغۇرلار 5 ‏ - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن تىنچ نامايىشنىڭ ۋاقتى ئۆزگەرتىپ "كەچتە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش، چېقىش، بولاش، ئوت قويۇش ۋەقەسى" دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ تەشۋىقات تېزىسىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە نارازىلىق ئىپادىلىگەن 5‏ - ئىيۇل نامايىشنى "تەيۋەننى، تىبەتنى، ئىچكى موڭغۇلنى مۇستەقىل قىلماقچى بولۇۋاتقان دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى مۇستەقىلچىلار، خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلار بىرلىشىپ خىتاينى پارچىلاشقا كىرىشكەن ھەرىكەت" دەپ ئىغۋا تارقىتىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.