5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت كۆرگەزمە نەتىجە كۆرسىتەلەمدۇ؟

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە 5" ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئائىت 400 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت كۆرۈنۈشلەر كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلىگەن سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، سۈرەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلىكلەرنىڭ، چېگرا ئىچى ‏- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇ كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى پەيدا قىلغان 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.08.10
Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.
AFP Photo

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، 26 ‏- ئىيۇن يۈز بەرگەن شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئادەتتىكى بىر جەمئىيەت ئامانلىق ۋەقەسى دەپ كۆرسىتىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى كۆپتۈرۈپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىراق، مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى مۈستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى 26 ‏- ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مەزكۈر ۋەقەنى 1949 ‏- يىلىدىن بېرى جۇڭگودا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق مىللىي ئۆچمەنلىك خاراكتېرىنى ئالغان ئېغىر " ئىرقىي قاتىللىق " دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ناھايىتى خاتا ئىكەنلىكىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، " ئېسىڭلارنى يىغىۋىلىڭلار، شاۋگۈەنلىك خەنزۇلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېرقىي كەمسىتىش، ئېرقىي زوراۋانلىق، ئېرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ئارقىلىق سىلەرگە جاۋاب بەردى. يەنە شۇ خاتا سىياسەت پىلانىڭلار داۋاملىشىدىغان بولسا، ھاكىمدار مىللەت خەنزۇلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىڭلار ئېنىق ئىسپاتلاندى. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قويدەك يۇۋاش ئەمەس" دېگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە ئالدىن يەكۈن چىقارغان ئىلھام توختى ئەپەندى، شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ئەگەر شىنجاڭدا بولغان بولسا قانداق بولغان بولاتتى؟ ئەگەر شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى ئۇرغان بولسا قانداق بولاتتى؟ دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەمەس، بىر نەچچە ياكى ئون ئۇيغۇر يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولسا ياكى نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولسا، ھۆكۈمەت تولۇق قوراللانغان ھەربىيلەرنى ئىشقا سالغان، ۋەقەگە قاتناشقان ‏- قاتناشمىقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە دوست ‏- بۇرادەرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تېررورچى، بۆلگۈنچى، رادىكال ئىسلامچى دېگەن قالپاقلار بىلەن ئېتىلغان بولاتتى دەپ كۆرسەتتى.

مۈستەقىل خىتاي يازغۇچىسى، مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە مۈتەخەسسىىس ۋاڭ لىشيۈڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى چېگرا سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، شىنجاڭدا بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر يىل ئىلگىرى تىبەتتە ۋەقە يۈز بەردى، بىر يىل ئىچىدە ئارقا ‏- ئارقىدىن ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئۆزى ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان مىللىي سىياسەتتە مەسىلە بارلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى دەپ، ۋەقەنى باشقىلاردىن كۆرۈشنىڭ مەنتىقىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، 5 " ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پىلانلىغان دېگەن مەسىلە توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ ئەزەلدىن بۇيان ئۆزلىرى يولغا قويۇۋاتقان خاتا سىياسەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش تاكتىكىسى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ 5" ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن دۈشمەن كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى، ئۆز ‏- ئارا ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇ ۋەقە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دېگەن، ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونغا، خىتايلار ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونغا بارالمايدىغان ھالەتكە يەتكەن بولۇپ، بىر خىتاي ئۇيغۇر قوشنىسىغا ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ، " ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بۆرە، بىز قوي ئىدۇق، ئەمدى بىز بۆرە، ئۇيغۇرلار قويغا ئايلاندى، بىز غايەت زور ھەربىي كۈچكە ئىگە بىر مىللەت بىز، ئۇيغۇرلار پەقەت قويدەك ياشىسا ھايات قالىدۇ، بولمىسا ئۆلىدۇ" دېگەن.

" ئۈرۈمچى ۋەقەسى" توغرىسىدىكى كۆرگەزمە ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق - ئاشكارا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتمۇ -قات بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئادۋوكات نۇرى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرمىچىلىق سىياسىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقات ۋاستلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.