خىتاينىڭ '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا

گەرچە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.01.19
Xitay-herbi-qisimliri-Urumqige-kiriwatidu-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەنكى خەۋىرىدە مەلۇم قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن 18 - يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ جاۋيى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 2009 - يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە بايانات بېرىپ، 2009 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ ھەر خىل جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەم قاتىللىق جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى پاش قىلىش نىسبىتىنى 90% كە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.

گاۋ جاۋيى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 2009 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ 41991 دېلونى پاش قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يىللاردىن قېپ قالغان دېلولاردىن 6793 نى پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، باشقا ئۆلكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ پاش قىلغان دېلولارنىڭ قېتىم سانى 2747 گە يەتكەنلىكىنى، 2009 - يىلى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەن قارا جەمئىيەت گۇرۇھىدىن بىرنى پاش قىلىپ يوقاتقانلىقىنى، قارشى گۇرۇھ تەشكىلاتلاردىن 7 سىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

گاۋ جاۋيى سۆزىدە يەنە، 2010 - يىللىق نىشان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "بىز 2010 - يىلى ئىچىدە، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى نۇقتىلىق ھالدا، قاتىللىق، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىمىز، قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتلىتىش، زەھەر يۆتكەش، ئوت قويۇش، گۆرۈگە ئېلىش، قوراللىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق دېلولارغا بولغان رازۋېدكىنى كۈچەيتىمىز. بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە چېتىشلىق دېلولارغا بولغان رازۋېدكىنى كۈچەيتىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىشلىق كىشىلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ، دېلوغا ئائىت ئىسپاتلارنى تېزلىكتە قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمىز."

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ جاۋيىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دېگەن بۇ سۆزىگە قارىتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكى بۈگۈنگە قەدەر، خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە پەرۋا قىلماستىن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى تېخىچە توختاتمىغانلىقىنى، ھەتتا 2010 - يىلى كىرگەندىن كېيىنمۇ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىشلىق كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تۇتىدىغانلىقىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى باراۋەرسىز باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىپ نەتىجىدە بۇ رايون ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇ رايوندا بۇندىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندىمۇ رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىشنى توختاتمىغانلىقىغا بولغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ جاۋيىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دېگەن، "بىز '5 - ئىيۇل ۋەقەسى' گە چېتىشلىق كىشىلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ، دېلوغا ئائىت ئىسپاتلارنى تېزلىكتە قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمىز،" دېگەن سۆزىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا خەلقئارادىكى 68 تەشكىلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىپ قاتتىق جازالىماسلىققا چاقىرغان، شۇنداقلا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەرەپلىمە سوتلاشتا، ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى، 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالارنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 19, 2010 03:31 PM

ﯬﻳﯩﭙﻠﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ؟!
"ﯬﻳﯩﭙﻠﯩﺪﻯ" ﺩﻩﭖ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﯬﻣﻪﺱ ﺷﯘ!