بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى ئانالىزى

بۈگۈن 5‏ - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بىر ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغانلارنى تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى قىسمەن زىيالىيلىرى ۋە چەتئەلدىكى بەزى ئۆكتىچى خىتايلار ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋەقە توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.08.05
Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بۈگۈن چارشەنبە كۈنى 5 ‏- ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە توپ ‏ - توغرا بىر ئاي تولىدۇ. خىتاينىڭ ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى جازالاش ۋە ۋەقە توغرىسىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى شىىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى ئۆكتىچىلەر ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىدىكى تونۇلغان شەخسلەرنىڭ بىرى لىن باۋخۇا ئەپەندى چارشەنبە كۈنى " ئۇلۇغ ئېرا" تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، 25 ‏- ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىگە ئائىت تۆۋەندىكى مۇلاھىزىلەردە بولدى.

"ئۇلۇغ ئېرا" تور بېكىتىدىكى ماقالىسىدە "ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبى چوڭ خىتايچىلىقنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغانلىقى، خىتايلاشتۇرۇلۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن لىن باۋخۇا "جۇڭگو 11‏ - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى تارقاتتى. ئۇيغۇرلار تېررورچى دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى " دەپ تەكىتلىگەن.

لىن باۋخۇا ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك "ئالۋاستىلاشتۇرۇش" تەشۋىقاتىنىڭ خىتايلاردا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، شاۋگۈەن ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇ 5 - ئىيۇلدىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇڭگان يازغۇچى ئان رەن بولسا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدا مىللەتچىلىكنى ئۇلغايتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ، رادىئومىزنىڭ گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،" ئۇلار مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، يېقىندا نەشر قىلىنغان 'جۇڭگو خۇشال ئەمەس' دېگەن كىتاب . بۇ كىتاب ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس ئىدى. بۇ كىتاب نەشر قىلىنغاندىن بۇيان جۇڭگودا قانچىلىك ئىشلار يۈز بېرىپ كەتتى. ھەممە يەرگە تارالدى. ئۇلارنىڭ غەرىزى مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىش. مىللەتچىلىكنى قالقان قىلىپ، ئىچكى زىددىيەتلەرنى يېپېش، خەلقنىڭ سىياسەتكە بولغان نارازىلىقىنى بۇراشتۇر" دەپ كۆرسەتتى.

لىن باۋخۇا "ئۇلۇغ ئېرا" تورىدىكى "شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قەتلىئامنىڭ سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتى" دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭدىكى غەرەز ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" : شاۋگۈەندىكى 700 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى بىر مەسىلىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ بولسا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى كۈچەيتىشتۇر. زور كۆلەمدىكى خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى شىنجاڭغا كۆچۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېڭىز بويىدىكى خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا يۆتكەشتىكى غەرەز، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولسا كېرەك".

ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى چېن پوكۇڭ "ئۇلۇغ ئېرا "تور بېتىدىكى بىر ماقالىسىدە تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈزلۈكسىز ۋەقە يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ نامرات قالدۇرۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ "شىنجاڭدا زاۋۇت، كارخانىلار قۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ بايلىقى ئۈز جايىدا ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇيغۇرلارغا خىزمەت تېپىلىدىغانلىقى"نى، لېكىن"شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا خەنزۇ ئەمەلدار ۋە سودىگەرلەر گۇرۇھى مەنپەئەت ئېلىپ، يەرلىك تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەمبەغەللىك ئىچىدە قالغانلىقىنى، مانا بۇلارنى "شىزاڭ ۋە شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى"دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۇڭگان يازغۇچى ئان رەن بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا تېررورچى مۇئامىلىسى قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى. خىتاي مىللىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەبىي ۋە ئەدەپسىز دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئان رەن "سىز چىشىڭىزنى كىرىشتۈرۈپ، زەردە بىلەن بۇ جىدەلخور ياشلارنى دۈشمەن كۈچلەر دەپ قارىغان بىلەن، لېكىن سىز خەنزۇلار ئىچىدىكى جىدەلخور ياشلارنى ھېچقاچان دۈشمەن كۈچلەر دەپ باقمىدىڭىز" دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ۋېى جىڭشىڭ رادىئومىزدا ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى ئوبزورىدا بولسا، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بۇ قەدەر چوڭايتىۋېتىلىشى كومپارتىيە ئىچىدىكى كۈرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋېى جىڭشىڭنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ ۋەقە كومپارتىيە ئىچىدىكى جاڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ خۇ جىنتاۋ گۇرۇھىغا قۇرغان قىلتىغىدۇر. ئۇ، بۇنىڭدىكى غەرەز خەلقنىڭ قارشىلىقىنى بۇراپ، غەربتىكى نېفىت بازىلىرىنى جاڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش، خۇ جىنتاۋنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چېن پوكۇڭ "ئۇلۇغ ئېرا"تور بېكىتىدىكى ماقالىسىدە ئۈرۈمچى پاجىئەسىنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئالاقىدار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننى "قانخور ئىبلىس"، "قارا نىيەت پارىخور" دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ شىنجاڭنى "تىللا دەرىخى" قىلىۋېلىپ، ئۆزى، ئائىلىسى ۋە سەندۇڭ گۇرۇھىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرغانلىقىنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىي تەرەقىيات تۈرلىرىنى سەندۇڭنىڭ كارخانىلىرىغا ھاۋالە قىلغانلىقىنى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ قىزىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ سۇ بايلىقىنى ماناپول قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەندىكى لىن باۋخۇا ئەپەندى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە خەنزۇلارنى كۆپ ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. "توپىلاڭدا قەستەن خەنزۇلارنىڭ كۆپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىشنى مەقسەت قىلامدۇ؟ " دەپ تەكىتلىگەن لىن باۋخۇا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەقەدە ئوينىغان رولىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى، بۇ يىل 65 ياشلاردىكى ۋاڭ لېچۈەننىڭ پىنسىيە يېشى توشقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قەستەن كېڭەيتىپ" شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى مېنىڭسىز ساقلىغىلى بولمايدۇ" دېگەن ۋەزىيەت يارىتىش قەستىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.