ھەر كۈنى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇلاردىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن يەنى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا مەلۇمات بەردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن ھەيئەت ،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىدىن سۇڭ ئەيگو ، خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ قاتارلىق 4 كىشدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئۇلار بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۈسكۈل، ئاندىن تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى كۆكسال توپتانلار بىلەن كۆرۈشتى. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشتا نېمە گەپلەر بولغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىلمىدى.
دەل بۇ چاغدا تۈركىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش يېيىلماقتا. بۈگۈن تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى ئەزالىرىدىن 300 ئەتراپىدا كىشى خىتاينىڭ ئىستانبۇل تارابيادىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ " خىتايلار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈررمە! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!" دەپ شۇئار توۋلاشتى.
بۈگۈن يەنە قەيسەرى شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ خىتاي بايراقلىرى كۆيدۈرۈلدى. تۈركىيىدە مەملىلكەت بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغان قىلمىشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ئەيىبلەنمەكتە. تۈركىيىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ بەزى رايونلىرى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە خىتايغا قارشى شۇئارلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ - قۇۋەتلەش پائالىيىتى باشلاندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان خىتايلارنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقىنى بېرىشكە چاقىردى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشىتىپ، تۈركىيىنىڭ بۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل جۇمە نامىزىدىن چىقىۋېتىپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئۈرۈمچىدە بولغان ۋەقەلەردىن ئەنسىرەۋاتىمەن. يېقىندا ئۈرۈمچىدە بىز بىلەن قۇچاقلاشقان ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى بىزنى قايغۇغا چۈمدۈردى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتايدەك چوڭ دۆلەتكە بۇ يارىشىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقىنى بېرىشى كېرەك. بىزنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردىن كۆرگىنىمىزگە قارىغاندا نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي دۆلىتى بۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىلەرنى تېپىپ چىقىشى كېرەك."
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئىتاليىدە تەرەققىي قىلغان 8 دۆلەت لىدەرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە بىر مۇخبىرنىڭ ' سىز ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى ۋەھشىلىك دېدىڭىز ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىزنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىر ۋەھشىلىكتۇر دېگەن گەپنى مەن قىلدىم. بۇ سۆزۈمدىن تېنىۋالغىنىم يوق. چۈنكى يۈزدىن كۆپ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ، مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان بۇ ۋەقەنى خۇددى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزدىن باشقىسى ئىپادە قىلالمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قان - قېرىنداش ۋە دىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق دېيىشكە مەجبۇر. بىر تەرەپتىن ئىنسان ھەقلىرى دېموكراتىيە دەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشقا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دۆلەت مەنپەئەتى ئەمەس ، ئىنسان ئامىلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەنپەتىمىزنى ئەمەس ، ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئويلاپ ئىش قىلىۋاتىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنى ئادىل بىر شەكىلدە ئېنىقلىشىنى كۈتىمىز. بۇ ھەقتە مەن تەرەققىي قىلغان 8 دۆلەت لىدەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رەھبەرلەر بىلەن سۆزلەشتىم، بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتى ئەزاسى، تۈركىيە بولسا ۋاقىتلىق ئەزا، مەن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئويلايمەن."
باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئىتاليىدە داۋام قىلىۋاتقان تەرەققىي قىلغان 8 دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: " بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان پۈتۈن رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. بەزىلىرى بىلەن ئۇزۇنراق ، بەزىلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت بۇ ھەقتە سۆزلەشتىم. بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز داۋام قىلىدۇ."
تۈركىيە سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈل ئەپەندى تۇرك خەلقىگە خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىقنى چاقىرىق قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ باياناتلىرىغا قارشى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ تۇركىيىدىكى گۇماشتىلىرىنىڭ كۇشكۇرتۇپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ئەلچىسى يەنە، ئەگەر تۈرك رەھبەرلىرى شىنجياڭدىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلسە بۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۈگۈن تۈركىيىدىكى ئوندىن ئارتۇق مەسچىتتە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب جىنازا نامىزى قىلىندى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن جامائەت مەسچىتنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.