خىتاي ئەمەلدارى گېرمانىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كەلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.04.14
2010.04.14
AFP Photo
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ 12 - ئاپرىل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېست ۋېللى ئەپەندى خىتاي ئەمەلدارى لى چاڭچۈن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئالاھىدە توختىلىپ، خىتاي تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى غەرب ئەللىرىدە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانغا ئوخشاش، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەرلىرىنىڭمۇ خىتايدا چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئېرىكا ستايىنباچ 12 - ئاپرىل كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېرلىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينى ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇشنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىشنى ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىشنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ قانۇن ئادالىتىدىن بەھرىمان بولالمىغانلىقىنى ئوچۇقلىغان.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، خىتايدىكى بۇ خىل ھەقسىزلىقلارنىڭ 60 يىلدىن بېرى خىتاي ۋە ئۇنىڭ رىجىمى ئاستىدىكى ئەللەردە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بۇ خىلدىكى قىرغىننىڭ ئېتنىك تازىلاش ماھىيىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ سۆزىدە، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاينىڭ يەنە 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ قانلىق پاجىئەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىز ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى دەرھال ئىسلاھ قىلمىسا، بۇنىڭ خىتايغا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات باشقارمىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2009 - يىلى ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 4 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىگەن.
خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ يوشۇرۇن تۇتۇشى سەۋەبىدىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2009 - يىلغا ئائىت دوكلاتىدا خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى. ئەمما خىتايدا 2008 - يىل ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلار سانى پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ئومۇمى سانىنىڭ 70% ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.