خىتاي ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلماقتا

خىتاي، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.01.13
Guantanamo-turmisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯘﺋﺎﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

رويتىرىس ئاگېنتلىقى، شىۋىتسارىيە پارلامېنتىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئاكا ‏- ئۇكا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى شىۋىتسارىيىگە قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 12 ‏- يانۋار كۈنى خىتاي بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھەربىي سوتى، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئالبانىيىگە، بەزىلىرى بېرمۇداغا، يەنە بەزىلىرى پالاۋ دۆلىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىدىن، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قېتىم يەنە بۇ مەسىلىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشى، شىۋېتسارىيىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز دۆلىتىگە يەرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى سەۋەب بولدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، گۈەنتانامو تۈرمىسىنى بىر يىل ئىچىدە تاقايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىگە قوبۇل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

مەزكۈر تۈرمىدىكى گۇناھسىز ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار 2001 ‏- يىلى ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا " تېررورچى" قالپىقى بىلەن ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 7 سى ھازىرغا قەدەر، گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ قىيىن - قىستاق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى22 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا قارار بېرىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشىنى تەشەببۈس قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ، بۇ مەسىلىدە شىېىتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، بېيجىڭنىڭ ئەندىشىسىنى ئېتىبارىغا ئالغان ئاساستا قارار بېرىشىنى، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بۇ دۆلەتتە قېيىن - قىستاققا ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزىنى ئاقلىغان.

گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە يەرلەشكەن ئابابەكرى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى پاكىتسىز قارىلاش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سەيبىن ۋەللىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا فېدرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2008 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا قارار چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا قويۇپ بېرىلىشىنى بۇيرىغان، ئەمما مەزكۈر قارار ئامېرىكا فېدرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان بولۇپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە فېدرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2008 ‏‏- يىلى 10 ‏- ئايدىكى بۇ قارارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ قايتا ئەرز سۇنغان. ئامېرىكا فېدرال ئالىي سوت مەھكىمىسى 3 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى، 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئەرزىنى كۈرۈپ چىقىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 13, 2010 11:10 AM

ﺷﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻕ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺷﯧﯟﯨﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﮔﻪ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺩﯗ ﯪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ