خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۆزىنى 'تېررورلۇق تەھدىتى ئاستىدا' دەپ جاكارلىشى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان 14‏ - قېتىملىق يىغىنىدا، ياۋروپا بىرلىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ئۇلارنى سوراق قىلىشتا ئوچۇق -يورۇق بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.25
qeshqer-hujum-16-olum-305 2008‏-ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﺍﺯﯞﯦﺪﻛﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

تۈركىيىدىكى ئىستىراتېگىيە ۋە چۈشەنچە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.
 
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى كەسىي پولىئاس خانىم 6‏ - ئاينىڭ 18‏ - كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان 14‏ - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. ئۇ تەمىنلىگەن ۋىدىئو خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ۋەكىلى، ياۋروپا بىرلىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، خىتاي سوراق قىلىش جەھەتلەردە ئوچۇق - يورۇق بولۇشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي ۋەكىلى بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرەلمىدى.

ئەمما، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان تەشكىلات ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينى ئەيىبلىگەندە، خىتاي ۋەكىلى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى ۋە بۇ مەسىلىنى بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. لېكىن يىغىن رەئىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشىگە رۇخسەت بەردى.

ھازىر ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىۋاتقاندا، خىتاينىڭ خەلقئاراغا 'جۇڭگو تېخىچە جىددىي تېررورلۇق تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە بولۇۋاتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېچقايسى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىمىدى.

تۈركىيىدىكى ئىستىراتېگىيە ۋە چۈشەنچە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەممۇ بۈگۈن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر خىل نامدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئوساما بىنلادىنمۇ خىتاينى نىشانغا ئالغىنى يوق. شەرقى تۈركىستاندا قوللىنىلغان شىددەتلىك شەكىل خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان شەكىل، بۇ تېررورلۇق ئەمەس.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇلاھىزىسىدە، 1960 ‏ - يىللاردا ب د ت دە، مۇستەملىكىدە قالغان مىللەتلەرگە ئازادلىق بېرىش، دۆلىتىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا چىقىرىلغان بىر قانۇن بارلىقىنى، بۇ قانۇندا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئۇرۇش قىلغانلار ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ ئاتالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي 50‏ - يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى 'يەرلىك مىللەتچى' دەپ ئەيىبلىگەن، 1980‏ - يىللاردا 'مىللي بۆلگۈنچى' دەپ ئاتىغان، 2001 ‏ - يىلىدىن كېيىن تېررورچى دەپ ئاتىۋالغان، خىتاينىڭ بۇنداق بىر رېئال مەسىلىنى زامانغا قاراپ ئاتالغۇ ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى سىياسى شۇئارغا ئايلاندۇرۇشىنىڭ كەينىدە بىر سىياسىي مەقسەت يوشۇرۇنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.