زەھەر پادىشاھى يې يۇڭلوڭ كانادادا سوت قىلىنماقتا

كانادا دائىرىلىرى خىتايلار باشچىلىقىدىكى دۆلەت ھالقىغان، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، غايەت زور مىقداردىكى كوكائىن، خېروئىن، نەشە ، شادلاندۇرۇش دورىلىرى ۋە نەق پۇلنى قولغا چۈشۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.12.31

بۇ گۇرۇھ يەنە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىدىن تاپقان قارا پۇللارنى خىتايدا يۇيۇپ، قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرگەن.

كانادا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىكى باش جىنايەتچى، زەھەر پادىشاھى دەپ نام ئالغان يې يۇڭلوڭ كانادا برىتىش كولۇمبىيە شتاتىنىڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە سوت قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.