خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جىددىي ماجرا (ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى)
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.02.10
2012.02.10
AFP
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا يىللاردىن بۇيان مەرتىۋىسى كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان بىر مەشھۇر سىياسىي چولپان چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي قانۇن سېكرىتارى، ساقچى باشلىقى، قارا گۇرۇھلارغا زەبەر بېرىش قەھرىمانى دەپ ئاتاق ئالغان ۋاڭ لىجۈن 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسىغا كېلىپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇنى توساتتىن، ئارامغا چىقىپ داۋالىنىدۇ دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ۋەقە خىتايدا، خۇددى ھاكىمىيەت ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك داۋالغۇش پەيدا قىلدى. خەلق ئىچىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغالدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما زىيارەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ بۇ ۋەقەنى يوق دېمىدى، ئەمما ۋەقەنى، بۇ بىر ئايرىم ئەھۋال دەپ جاكارلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە، بۇ ھادىسە ھازىر تەكشۈرىلىۋاتىدۇ دېگەندىن ئۆزگە مەلۇمات بەرمىدى. خىتايدا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە، ئوتتۇز مىليون نوپۇسى بار چۇڭچىڭ شەھىرىدىن ئىبارەت خىتايدىكى بۇ ئەڭ چوڭ شەھەرنىڭ باشلىقى، خىتاي مەركزى كومىتېت سىياسى بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي بىلەن بۇ شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ساقچى باشلىقى، «قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش قەھرىمانى» دەپ نام ئالغان قارام ساقچى ۋاڭ لىجۈننىڭ مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان ئىدى، بۇ ئەھۋال دەرھال ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن 1959 - يىلى تۇغۇلغان، ئاتىسى موڭغۇل، ئانىسى خىتاي، موڭغۇلچە ئىسمى باتېر، ئانكىتقا مىللىتى موڭغۇل دەپ يازغان. ئۇ 85 - يىلى ئەسكەر لىكتىن كەسپ ئالماسشتۇرغاندىن كېيىنلا لياۋنىڭ ئۆلكىسدە ساقچى بولغان. بېيجىڭ ساقچى مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 9 يىل ئىچىدە ناھىيىلىك ساقچىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، پونكىت باشلىقى، ساقچى ئىدارىسى باشلىقى، پارتكوم سېكرىتارى ۋە مۇئاۋىن نازىر بولغان. 44 ياشقا كىرگەندە قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىدىغان «تۆمۈر قوللۇق ساقچى»، خىتايدىكى «ئون مەشھۇر ياش» دەپ ئاتاق قازانغان. 49 ياشقا كىرگەندە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاش قىلىنغان قارا گۇرۇھلار 375، تۇتۇلغان جىنايەتچى 5789. ھازىر ۋاڭ لىجۈندە دۆلەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەندەك سىياسىي شان - شەرەپ ئۇنۋانلىرىنىڭ بىرىمۇ كام ئەمەس، پەن - تەتقىقات ساھەسىدىكى ئىلمىي ئۇنۋانلارنىڭمۇ ھەممىسى بار. جەمئىيەتتە «قارا گۇرۇھ» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇ دۈشمەنلەشمىگەن بىرسىمۇ يوق. ئۇنىڭ بەدىنىدە 20 نەچچە يەردە ئوق ياكى پىچاق يارىسى بار. 94 - يىلى ئۇنىڭ ئىشخانىسى پارتلىتىلغاندا، ئۇ يارىلىنىپ 20 كۈن ھۇشسىز ياتقان. ھازىر بۇ ئەربابنىڭ توساتتىن مەنسەپتىن قالدۇرۇلغانلىقى جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
«بوشۈن» تور گېزىتى بۈگۈن، خىتايدا يىللاردىن بۇيان مەرتىۋىسى كۈنسېرى ئۆرلىگەن مەشھۇر سىياسىي چولپان، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي قانۇن سېكرىتارى، ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ «پۈتۈن دۇنياغا ئوچۇق خەت» دەپ يازغان ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
- - - مەن نېمە قىلغانلىقىمنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ خەتنى يازدىم، - دەپ خېتىنى باشلايدۇ ئاپتور، - ئۇقۇرمەنلەر بۇ خەتنى كۆرگەندە، مەن ئاللىقاچان ئۆلگەن ياكى ھېچبولمىغاندا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. قىسقارتىپ ئېيتسام، «قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارىغا زەربە بېرىش» دېگەننى مەجبۇرىي پەيدا قىلغان كىشى بو شىلەي. ئۇ، كۆڭلى قارا، قولى زەھەر، چوڭ ساختىپەز. ئۇنى پاك ئەمەلدار دېگەن گەپ يالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەڭ شەھۋانىي، ئەڭ ئاچكۆز خىيانەتچى، مىللەتكە بالايى ئاپەت كەلتۈرىدىغان قارا قول. مەن بۇ ھەقتە يازغان كىتابىمنى بىر كۈنى ئېلان قىلارمەن دېگەن ئۈمىدتە.
بوشۈن تور گېزىتى بۈگۈن يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بو شىلەينىڭ، مەركىزى كومىتېتتىكى 9 نەپەر دائىمى ئەزاغا يازغان خېتىنى ئاشكارىلىدى. بو شىلەي خېتىدە، مەن قارا گۇرۇھلارغا چېتىلىپ قالغان ۋاڭ لىجۈندەك ئادەمنى ئىشلەتكەن خاتالىقىم ئۈچۈن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىمەن، دېگەن. ئۇ خېتىدە يەنە، خوتون - بالىلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىدە خىيانەتچىلىك بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
بۈگۈن بۇ گېزىتقا چاپلانغان ئەركىن ئوبزورلار كۆپ. ئۇنىڭ بېرىدە، گەرچە ھازىر خىتايدا تاڭ ئېتىشقا تېخى بالدۇر بولسىمۇ، ئەمما ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى لۈكچەك، چايانلارنىڭ بىرى بولسىمۇ كۆزىمىزدىن يوقىلىپ كەتكىنى ياخشى بولدى، دەپ يېزىلغان.
بۈگۈن «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ تور بېتىگە چاپلانغان ئەركىن ئوبزورلارمۇ كۈپ. ئۇنىڭدىكى 1 - ئوبزوردا، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى خىتاي كوممىۇنىست پارتىيىسنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەتچىلىكنىڭ بىرى. ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە 13 - سېنتەبىر لىن بياۋ ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە 86 - يىلى خۇ ياۋباڭ ۋەزىپىدىن ئىستىپا بەرگەن، 89 - يىلى جاۋ زىياڭ ئىستىپا بەرگەن ۋەقە يۈز بەرگەن. جاڭ زېمىن دەۋرىدە چېن شىتۇڭ ۋەزىپىدىن ئىستىپا بارگەن ۋەقە، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە چېن لياڭيۈ ئىستىپا بەرگەن ۋەقە يۈز بەرگەن. ھازىر يەنە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەڭ چوڭ باخشىسى ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىت تالىشىش باشلاندى. بۇ قېتىمقىى مەنپەت تالىشىش بەكرەك ناھايىتى جىددىي بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ يېزىلغان.