خىتاينىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇزىتىدىغان ئولىمپىك مەشئىلى دۆلەت تېررورلۇقى ۋە مىللىي زۇلۇمنىڭ بەلگىسى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.16
2008.06.16
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەشئەل ئۇزۇتۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم مەشئەل ئۇزاتقۇچىلارنى تاللاشتا، خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. 377 نەپەر مەشئەل ئۇزاتقۇچىنىڭ 165 نى 13 خىل يەرلىك مىللەتتىن تاللىۋالغان.
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى ئۆزىنىڭ جايلاردىكى تارماقلىرىدىن ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزىتىدىغان خادىملارغا 'قولايلىق يول' ئېچىپ بېرىشنى، قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەممە ئۆتكەلدە ئۆزى تۇرۇپ نازارەتچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇزۇتۇش ئىشى تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئولىمپىك ئەنئەنىسىگە قارشى ھەرىكەت. ئۇ خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشنى، بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش ھەرىكىتى ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان ئۈچ كۈن ئىچىدە، بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ئادەم سانى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقتىن سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىدا، بۇيىل 'شىنجاڭنى بازا قىلغان تېررورچىلارغا دائىر ئىككى دېلونى پاش قىلىنغانلىقى، بولۇپمۇ بېيجىڭغا ماڭغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىش سۇيىقەستى يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى جاكارلىغان بەلگىلىمىلەردە يەنە، خەلقتىن بۇ تۆت شەھەردە ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش جەريانىدا تېز ئوت تۇتۇشىدىغان نەرسە ئېلىپ يۈرمەسلىكنى، ئېتىلداق ئاتماسلىقنى، يوللاردا، بولۇپمۇ كۆۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرماسلىقنى، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى چۈشۈرىدىغان شوئارلارنى توۋلىماسلىقنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.
كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇزۇتىدىغان بۇ ئولىمپىك مەشئىلى ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقى ۋە مىللىي زۇلۇم يۈرگۈزۈشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. خەلقنىڭ رازىلىقسىز، روھى مايىللىقىسىز ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت شۇ جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ. شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بۇنداق مەشئەلنى ئۇزۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەتەن ئىچىدە ۋە سىرتىدا ئۆز قەلبىدىكى ئەركىنلىك مەشئىلىنى تۇتاشتۇرىدۇ.