ئۆمەرجان ئەپەندى 'خىتاي دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى'نىڭ قاراتمىلىقى ھەققىدە توختالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.05
2010.10.05

RFA Photo / Kamil Tursun
ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن، "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى" نى 2010 - يىل 29 - ئاپرېل قاراردىن ئۆتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 5 - ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋەر ئانالىزىدا، تەنقىدچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزىتىش كىرگۈزگەن 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى' خىتايدىكى ئاۋام پۇقرالارغا يېڭى بويۇنتۇرۇق بولىشى مۇمكىن. بۇ قانۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنى بوغۇشنى مەقسەت قىلغان" دەپ كۆرسەتتى.
كانادا ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆمەرجان ئەپەندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى" نى ئىجرا قىلىشىنى "روھى جەھەتتىكى تېررورلۇق" دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھەم خىتايدىكى دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىدىغان بارلىق ئاۋام پۇقراغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى "ۋەقەگە قۇتراتقۇلۇق قىلدى"، "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى" دېگەن باھانىلەر بىلەن "ئۇيغۇر بىز"، "شەبنەم"، "دىيارىم" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىغان ئىدى.
ئەينى چاغدا يەنە، "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان، غەيرەت نىياز، دىلشات پەرھات قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق تور بەت باشقۇرغۇچىسى قولغا ئېلىنغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور بەتلىرىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغۇچىلاردىن گۈلمىرە، غەيرەت نىياز، دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، ئوبۇلقاسىم گۈلمىرە قاتارلىقلار "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇلارغا مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بېرىلگەن ئىدى.
بۇ يىل 5 - ئايدا يەنە، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە "تور بەتلىرىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان يازمىلارنى ئېلان قىلماسلىق، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش" ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان ئىدى.
ئۆمەرجان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ۋە تور بەتلىرىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلھام توختى، غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى بوغۇپلا قالماي، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئاۋازىنىمۇ بوغۇپ، كىشىلەرنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆمەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇننى ئارقىلىق، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىدىكى خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزىتىش كىرگۈزگەن "دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى" دا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان پۇقرالارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى" ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ زىيادە كۆپلۈكى، ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ياتىدىغان مەزمۇنلارنىڭ مۈجمەللىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ قانۇننىڭ "خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نورمال پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان" لىقى كۆرسىتىلدى.
ئۆمەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن "دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى" يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە، زىيادە قاتتىق بېسىمنىڭ ئەكسىچە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكلەر ھەققىدە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.