خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا ئازادلىق ئارمىيىدىن 34 مىڭ ئەسكەر يۆتكەپ كەلدى
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئىقتىسادىي پىلاننىڭ كاپالىتى ئاستىدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بىر نەچچە كۈن قالغان ھازىرقى ۋاقىتتا، 'ئولىمپىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن بېيجىڭ شەھىرىگە ئازادلىق ئارمىيىدىن ھاۋا، دېڭىز، قۇرۇقلۇق قاتارلىق ھەر خىل ئەسكەر تۈرلىرى بۇيىچە 34 مىڭ ئەسكەر يۆتكەپ كەلدى.
ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدىكى چوڭ - كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئازادلىق ئارمىيە سولداتلىرى ۋە ساقچىلار گۈزەت قىلىدۇ، يولدىن ئۆتكەن دۆلەت پۇقرالىرىنى رەسمىيەتسىز توسۇپ سوراق قىلىدۇ ياكى يېنىنى ئاختۇرىدۇ.
بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكەللەرگە يەنە 300 مىڭ فوتو ئاپپاراتى بېكىتتى
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرىگە 300 مىڭ دانە فوتو ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇردى. تېلېفونلارنى ئوغۇرلۇقچە خاتىرىلەيدىغان - ئاڭلايدىغان ئېلېكترونلۇق سىستېما قۇردى. ھەتتا تاكسىلارغىمۇ جاسۇسلۇق فوتو ئاپپاراتلىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق جۇغراپىيىلىك توچكىلارنى كۆرسىتىدىغان ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرى بېكىتتى.
'مەيدان تازىلاش' دېگەن ئاتالغۇ يەنە پەيدا بولدى
رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە قارىتا قىلىۋاتقان ھەر خىل تەييارلىقىغا ۋە خىتايدا پەيدا بولغان 'مەيدان تازىلاش' دېگەن ئاتالغۇنىڭ يەنە پەيدا بولغانلىقىغا ئاساسەن، بۇنى 'خىتاينىڭ ئولىمپىك كېسىلى' دەپ ئاتىدى.
- خىتاينىڭ ھەر قانداق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرسە، 'ئولىمپىكنى قەتئىي قوغدايمىز' دەيدىغان ھەربىي شۇئار (ئۇرۇش شۇئارى) ئۇچرايدۇ، - دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ چېن كۇيدﯤ ئەپەندى، - خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى 'قوغداش' دېگەن نام بىلەن 11 دىۋىزىيە قوراللىق ساقچىنى ۋە 60 مىڭ ساقچىنى ئىشقا سېلىۋاتقان ئىدى.
يېقىندا يەنە بۇمۇ يېتىشمەي، باشقا ئۆلكىلەردىنمۇ ساقچى يۆتكەپ كەلدى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان ۋاقىتتا بېيجىڭ، تيەنجىن، سەندۇڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئاسماندا ئايروپىلان ئۇچمايدۇ، يولدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار قوش بەلگە ئېسىپ، ھەر خىل ئۆتكەللەردىن تەكرار - تەكرار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىلىدۇ. قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش ئورۇنلىرىدا ئىش توختايدۇ.
- بۇ ئالامەتلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ، بايرامنى ھازىغا، ھازىنى بايرامغا ئايلاندۇرىدىغان ئەنئەنىسىنى خەلققە ئەسلەتمەكتە، - دەيدۇ چېن كۇيدﯤ ئەپەندى ئوبزورىدا. ئۇ كىشىلەرنى تۆۋەندىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ قويۇشقا چاقىردى:
1976 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە، خەلق گۈلچەمبىرەك كۆتۈرۈپ ۋە مەرسىيە ئوقۇپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا توپلانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كېچىدە چىراقنى ئۆچۈرۈپ، 'مەيدان تازىلاش' دەپ جاكارلىدى. ئەينى ۋاقىتتا بەش باتاليون ئازادلىق ئارمىيە، 3000 ساقچى، ئون مىڭلىغان 'خەلق ئەسكىرى' يېتىپ كېلىپ خەلقنى ئۇرۇپ، قوغلاپ، قولغا ئېلىپ 'مەيدان تازىلاش' ئېلىپ بارغان ئىدى.
1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ 'مەيدان تازىلاش' ئېلىپ باردى. 'پولات كاسكىلىق بەد - بەشىرە ھايۋانلار' بۇ مەيداننى چەيلىدى، دېموكراتىيە ھەققىدىكى ھاياجانلىق سۆزلەر توختىدى، مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار قانغا مېلەندى.
2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 كۈنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى يەنە تىبەتتە مەيدان تازىلاش ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان تىبەت لامالىرىنى باستۇردى. ۋەقەنى كۆرگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تىبەتتىن قوغلاپ چىقاردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا 'تېررورلۇق' قىلىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب
سىياسى مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى بۈگۈن ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە ھازىر يەر يۈزىدىكى ئادەم ياكى دەل - دەرەخنىڭ ھەممىسى قورال كۆتۈرگەن جەڭچى بولۇپ كۆرۈنىۋاتىدۇ' دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇپ يېزىلغان ماقالىلەر كالىنىڭ تۈكىدىنمۇ كۆپ.
ئەمما بۈگۈن قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان ۋەقە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا 'تېررورلۇق' قىلىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب بولدى.
ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنى'تېررورلۇق' دېمىدى
بۈگۈن خەلقئارادا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنىدا بۇرۇنقى خەۋەرلەردىكى ئاتالغۇ قوللىنىلمىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنى 'خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم' قىلىنغان ۋەقە دەپ ئاتىدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، ھەتتا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 'تەڭرىتاغ تور بېتى'مۇ، قەشقەردە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى، گەرچە بەزىلىرى 'زوراۋانلىق ھەرىكەت'دېگەن بولسىمۇ، ئەمما 'تېررورلۇق ھەرىكەت' دەپ ئاتىيالمىدى.