خىتاي ئولىمپىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە „ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى" يولغا قويۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى „مىڭە تازىلاش ئوپېراتسىيىسى" دەپ ئاتىدى. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، يەنە 26 - قېتىملىق "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتى" يولغا قويۇلدى.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.05.08

 خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشامدۇ؟

ئۇيغۇرلار ۋەقە پەيدا قىلىشى مۇمكىن

بۇ يىل مارت ئايلىرىدا تىبەتلىكلەرنىڭ ھەرىكىتى قوزغىلىشتىن ئىلگىرىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تېررور ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە خوتەن قاتارلىق رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئۇيغۇر تېررورىستلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ خەلق ئاراغا بەرگەن باياناتلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بولۇپمۇ، يېقىندا ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى)نىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ تېررور ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە بۇ تەھدىتنىڭ ئەل - قائىدە گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر تېررورىستلىرىدىن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار 24 - 25 - ئاپرېلدىن بۇيان غەرب ئاخبارات ساھەسىدە تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق بىر تېمىغا ئايلاندى.

گېرمانىيىدىكى „دۇنيا گېزىتى"، "ئەينەك" زورنىلى، ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئوخشاش تەسىرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئەمما خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بەزى غەرب سىياسىيونلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، زوراۋانلىقنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەسلىكىنى، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلار كەبى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا داۋاملىق زورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ئىدارە قىلماقچى بولسا، زۇلۇم ئاستىدا قالغان، ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزەلمەيۋاتقان ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ئولىمپىكتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

خىتاينىڭ غەرىزى ئېنىق

2003 - يىلى ئامېرىكا ۋە ب د ت نامەلۇم "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنى تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررور نامىدا قاتتىق باستۇرۇلۇپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان، شۇنداقلا چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭمۇ تېررور بىلەن قارىلىنىپ، تاكى بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەم دۇنياغا مەلۇم. خىتاي بۇ ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشتى؟

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بۇ نەيرىڭىنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئىزچىل كارغا كەلمىگەنلىكىنى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسقەرجان ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور تۆھمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن ئىلگىرىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئارادا قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تامامەن ساختا كۆرۈنۈشلەرنى مەنبە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ چويلىدا توختىغۇدەك بىر دەلىل - ئىسپاتنى ھازىرغا قەدەر كۆرسىتەلمەي، ئۆز غەرىزىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاي ئېلان قىلغان تىبەتلىكلەرنىڭ تېررور ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنىڭ ساختىلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارتىۋاتقان تۆھمەتلىرىنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىسپاتلاش رولىنى ئوينىغان.

نېمىلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلق`ئارادا زور تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى مۆلچەر ئىچىدە تۇرماقتا. سىياسىي ئانالىزچىلار، ئۆز دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ 1933 - يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ۋەقە پەيدا قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى مىسال قىلىشماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.