خىتاي ياپونىيىنىڭ كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى

خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش كېلىشىمى ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تېخىچە تەۋەلىكى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان ئارال مەسىلىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.15
Rusiye-xitay-Win-Putin-305.jpg 29 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯨﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﭘﯘﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
AFP Photo

ياپونىيە NHK ئاگېنتلىقى (ياپونىيە خەلقئارا رادىئو كوپىراتىپى) بۈگۈن، خىتاي شىركەتلىرى ياپونىيىنىڭ كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى دېگەن خەۋەرنى جەزملەشتۈردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى داليەن سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى رۇسىيىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن، ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش ھەققىدە، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. شۇنداقلا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ كونكرېت ئېچىش پىلانىنى بۇ يىل 4‏-ئايدا نەق مەيداندا ئوتتۇرىغا قويۇشقا كېلىشكەن. رۇسىيە تەرەپ خىتاي شىركەتلىرى كۇرىل ئاراللىرىدا دېڭىز تەرخەمىكى (خەيسېن) ۋە قۇلۇلە ئۆستۈرمەكچى دېگەن ۋە بۇ پىلان ئۈچۈن، رۇسىيە شىركەتلىرى خىتاينىڭ ناھايىتى كۆپ مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە، كۇرىل ئاراللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئارالنى، يەنى گريادا، سىكوتان ئاراللىرىنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئەمما، ياپونىيە تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا، شىمالدىكى 4 ئارالنىڭ ھېچقايسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىم خىتاي بىلەن تۈزگەن كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش كېلىشىمى، رۇسىيىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەت بىلەن كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش ئۈچۈن تۈزگەن تۇنجى قېتىملىق كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھازىر، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئارال ماجىراسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1885‏-يىلى ياپونىيە بىلەن چاررۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن دوستلۇق شەرتنامىسىدە، ياپونىيىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى كۇناپىر، ئىترۇپ، گريادا، سىكوتانلاردىن ئىبارەت 4 ئارالنىڭ ھەممىسى ياپونىيىنىڭ تەۋەلىكىدە دەپ شەرھلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئاراللارنى ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1945‏-يىلى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بېسىۋېلىپ، بۇ ئاراللاردىن ياپونىيە ئاھالىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ 4 ئارال ماجىراسى مەۋجۇت ۋە شۇ سەۋەبتىن، گەرچە ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 1956‏-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانماي كېلىۋاتىدۇ.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋىدېف يېقىندا، يەنى 2‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى، كۇرىل ئاراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زامانىۋى قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، 2‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موسكۋاغا بېرىپ، كۇرىل ئاراللىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ نەتىجىسىز قايتتى. ياپونىيە دائىرىلىرى ھازىر كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسىدە، رۇسىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە دائىرىلىرى بۇنى كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ.

خىتايچە چىقىدىغان دوۋېي ئۇچۇرلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر رۇسىيىدە، ياپونىيىدىن چاررۇسىيە دەۋرىدىكى 200 توننا ئالتۇننى قايتۇرۇۋېلىش كېرەك دېگەن تەشەببۇس ۋە مىللىي ھېسسىيات باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. رۇسىيىنىڭ ھازىر خىتاي بىلەن «كۇرىل ئاراللىرىنى ئېچىش» دېگەن نام بىلەن ياپونىيىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ئېھتىمال رۇسىيىدىكى بۇنداق مىللىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاررۇسىيە 1915‏-يىلى 12‏-ئايدىن 1916‏-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە 200 توننا ئالتۇن ئۆتكۈزگەن. ئەمما، چاررۇسىيە ئەينى ۋاقىتتا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بېرىدىغان قوراللارنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ياكى پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. 2002-يىلى 12-ئايدا، رۇسىيە دۇماسى پۇتىن ھۆكۈمىتىگە، ئەينى ۋاقىتتىكى چاررۇسىيە ئالتۇنى ھازىرغا قەدەر ياپونىيىدىلا ئەمەس، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە بانكىلىرىدىمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ، شۇ ئالتۇننى ئەمدى قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك دەپ تاپشۇرغان.

رۇسىيىدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ 9‏-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە ياپونىيىلىكلەر ھازىر، رۇسىيە كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسىدە قوللىنىۋاتقان تەدبىرلەرنى قوپال ھەرىكەت دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما، پرېزىدېنت مېدىۋىدېف ھازىر ياپونىيە بىلەن كۇرىل ئاراللىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ئىشىكنى ئاللىقاچان تاقىۋەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.